قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئەنقەرەدە

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى جېنبېكوۋ ئەنقەرەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولماقتا.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئەنقەرەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم قىرغىزىستان باش مىنىستىرى جېنبېكوۋ بىلەن چانكايا سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە تۈركىيە – قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، سودا ھەجمىنى ئاشۇرۇشقا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، جېنبېكوۋ ئەتە ئىستانبۇلدا بىنا قىلىنغان «ماناس» ھەيكىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر