ئامېرىكىدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى 15 – ئىيۇل كۆرگەزمىسى ئاچتى

ئامېرىكىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرى «ئاھىسكا بىزگە نىسەبەتەن ۋەتەندۇر، ئەمما تۈركىيە بولسا، ئانا ۋەتەندۇر» دېيىشتى.

ئامېرىكىدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى 15 – ئىيۇل كۆرگەزمىسى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاھىسكا تۈركلىرى 15 - ئىيۇل ھەربىي ئىسيانغا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئۇنتۇمىدى.

ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسېت ئىشتاتىدىكى ئاھىسكا - ئامېرىكا كۈلتۈر مەكىزىدە بىر يەرگە جەم بولغان قېرىنداش ئاھىسكا تۈركلىرى «ئاھىسكا بىزگە نىسەبەتەن ۋەتەندۇر، ئەمما تۈركىيە بولسا، ئانا ۋەتەندۇر» دېيىشتى.

ئاھىسكا تۈركلىرى 15 – ئىيۇلدىكى ھەقىقەتلەرنى ئامېرىكىلىقلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى.

ئاھىسكا - ئامېرىكا كۈلتۈر مەركىزىدە تۈرك – ئامېرىكا خەلق مەركىزى باشلىقى ئالىخان لاچىنوۋ سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قارشى تۇرۇش چاقىرىقىنى ئاڭلاپلا مەيدانلارغا چىققانلىقىنى ھەمدە دەل مۇشۇ ۋەجىدىن تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاھىسكا تۈركلىرى مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ماسساچۇسسېت ئىشتاتىنىڭ تۈركىيە - ئامېرىكا كۈلتۈر مەركىزى جايلاشقان ۋېست سىپرىڭفېلد رايونىدا  تۇرۇشلۇق تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى قىلغان بولۇپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تۇرۇشلۇق چاپارمەنلىرى ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر