ئەزەربەيجان ئارمىيەسى: يېڭى قوراللارنى سەپلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز

ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەدىن سېتىۋالغان قورال ۋە ئوق – دورىلارنى ئەزەربەيجانغا يۆتكەش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى: يېڭى قوراللارنى سەپلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئورنىتىلغان ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە سېتىۋالغان قورال ۋە ئوق – دورىلارنى ئەزەربەيجانغا يۆتكەش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باكۇ پورتىغا چۈشۈرۈلگە قورال ۋە ئوق – دورىلارنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا زەمبىرەك ئوقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زامانىۋىي ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىمۇ بار.

بۇ قېتىم سەپلەنگەن قورال – ياراقلار سايىسىدا، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە فىرونتىكى ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش كۈچىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر