ئەزەربەيجانلىقلار ئامېرىكىدا ئەرمېنىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئەزەربەيجانلىقلار: «بۇۋاق قاتىلى ئەرمېنىيە!» ۋە «ئىشغالىيەتچى ئەرمېنىيە! ئەزەربەيجان زېمىنىدىن يوقال!»  دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەزەربەيجانلىقلار ئامېرىكىدا ئەرمېنىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەزەربەيجان پۇقرالىرى ئەرمېنىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 4 – ئىيۇلدا مىنامىيۇت ئېتىپ، بىر ئايالنىڭ ۋە 2 ياشلىق بىر بوۋاقنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىغا قارشى ئەزەربەيجان پۇقرالىرى ئەرمېنىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسى ۋە نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسى ئالدىغا توپلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. 

پايتەخت ۋاشىنگىتوندا قوللىرىغا ئەزەربەيجان بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئەرمېنىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان نامايىشچىلار، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 2 ياشلىق بوۋاقنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈشىۋالغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرى، «پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!» «ئەرمېنىيەگە لەنەت بولسۇن!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەزەربەيجانلىق ياش بەدىر مەمەدلى نامايىش ئاخىرىدا ئاخباراتچىلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئاياللار ۋەە بالىلار ئەرمېنىيە تېررورلۇقىنىڭ قوربانى بولدى. بۇ ھۇجۇم 2 ياشلىق زەھرانى ئۆلتۈرۈش بىلەن نەتىجىلەندى. بىز بۇ پاجىئەنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆرۈشىنى خالايتتۇق. بىراق 2 ياشلىق زەھرانىڭ شېھىت قىلىنىشى ئاخباراتلاردا ئىنتايىن ئاز ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ بىردىنبىر گۇناھى تۈرك بولغانلىقى ئىدى» دېدى.

نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىغا جەم بولغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرى بىلەن باشقا تۈركلەرمۇ بىرلىكتە ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «دۇنيا جامائەتچىلىكى گۇناھسىز بىر بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى لازىم»، «تېررورىست ئەرمېنىيە!»، «بۇۋاق قاتىلى ئەرمېنىيە!»، «ئىشغالىيەتچى ئەرمېنىيە! ئەزەربەيجان زېمىنىدىن يوقال!»  ۋە «ھەممە نەرسە ئەزەربەيجان ئۈچۈن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى 4 – ئىيۇل كۈنى فۇزۇلى ۋىلايىتىنىڭ ئالخانلى يېزىسىغا 82 ۋە 120 مىللىمېتىرلىق راكىتامىيۇت ئاتقان بولۇپ، يېزا پۇقرالىرىدىن بىر ئايال ۋە 2 ياشلىق قىزى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر