25 – يىل: قېرىنداشلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە ئايلانغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

تۆۋەندە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «25 – يىل: قېرىنداشلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە ئايلانغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

765137
25 – يىل: قېرىنداشلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە ئايلانغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1992 – يىلى 14 – يانۋاردا ئىمزالانغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش كېلىشىمى 25 يىلنى ئارقىدا قالدۇردى. 25 يىللىق ئۆتمۈشنىڭ كۆزنىكىدىن بۈگۈنكى مۇناسىۋەتلەر پەللىسىگىچە بولغان جەريانغا قىسقىچە نەزەر تاشلاش مەقسىتىدە، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «25 – يىل: قېرىنداشلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە ئايلانغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، 1991 – يىلى 30 – ئاۋغۇستتا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنى 1991 – يىلى 9 – نويابىردا ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1992 – يىلى 14 – يانۋاردا ئورنىتىلدى. 2010 – يىلى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، جۇمھۇر رەئىسلەر دەرىجىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى مىخانىزمى قۇرۇلدى. ئەزەربەيجان بىلەن ئورنىتىلغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان – گىرۇزىيە؛ تۈركىيە – ئەزەربەيجان – ئىران ۋە تۈركىيە – ئەزەربەيجان – تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرى، رايوننىڭ مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە باياشاتلىقىغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم مېخانىزملار ھېسابلىنىدۇ.

ھازار دېڭىزى ئېنېرگىيەسىنىڭ دۇنيا بازىرىغا سېلىنىشىنى نىشان قىلغان «باكۇ - تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى» ۋە «باكۇ – تىفلىس – ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» قۇرۇلۇشلىرىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ قېرىنداشلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىككە يۈزلىنىشى يولىدىكى مۇھىم قەدەملەر ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى 5 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق نىشانى، 2023 – يىلىغىچە سودا ھەجىمىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەزەربەيجان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارا مۇنبەرلەردىمۇ داۋام قىلماقتا؛ ھەر ئىككى دۆلەت ب د ت ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا كېڭىشى، قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك كېڭىشى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلاردىمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرماقتا.

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردا مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئاخىرقى قېتىم ماي ئېيىنىڭ بېشىدا، باكۇغا يېقىن يەردىكى بىر ھەربىي مەشىق ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىرغا مىڭ ئەسكەر، 80 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 60 زەمبىرەك ۋە گىراناتامىيۇت، 12 دانە Mİ-35 ۋە Mİ-17 تىپلىق ھۇجۇمچى ۋە توشۇغۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى قاتناشتۇرۇلدى. 5 – مايغىچە داۋاملاشقان مانېۋىر غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش تۈركلەرنىڭ ئوغۇز ئايمىقىغا مەنسۇپ بولۇشى، تارىخىي مۇساپىدە ئوخشاش زېمىندا بىرلىكتە ياشاش ھاسىل قىلغان قەدىمىي بىرلىك ۋە جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن تېخىمۇ يېقىن دىيالوگ ئورنىتىشىغا قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۆپ قاتلاملىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەدە بولۇپ،  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلاپ، سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى قىلىپ بولۇپلا، تۇنجى چەت ئەل زىيارەتلىرىنى ئۆزئارا قىلىش ئەنئەنىسى بار. تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى رايوندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» ئۇقۇمىنى تولۇق مەنىدە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ 25 يىلدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە بىر – بىرىنى ياقلىشى، تەۋرەنمەس قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ بىر ناماياندىسىدۇر.

تۈركىيە، يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا، تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ دائىرىدە، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە، 2016 – يىلى ئاپرېلدىكى ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىنىڭ بەزى جايلىرىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك توقۇنۇشلار ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندىن بۇيان، ئەندىشىسى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى پۇرسەتلا تاپسا تەكرارلاپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، مىنسىكى ئۈچ تەرىپى بۇ يەردە ھېلىھەم قەتئىي ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىماي، ۋاقىتنى ئۇزارتماقتا. بۇ توغرىدا چىقىرىلغان خەلقئارالىق قارارلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، بۇ مۇساپىنىڭ مۇشۇ خىل پەپىلەش تاكتىكىلىرى ئارقىلىق ئۇزارتىلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىنىشى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى قوللىشى داۋاملىشىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا، مۇداپىئە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە، ئېنېرگىيە مەسىلىسىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە دۇنياۋى بىر قۇرۇلۇشقا ئايلانغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى – تاناپنىڭ قەدەملىرى سۈرئەت بىلەن تاشلانماقتا. تاناپنىڭ پۈتۈنلەي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورنى ۋە رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ 1921 – يىلى 14 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىبراھىم ئابىلوۋ ۋەزىپە ئۆتەش مەكتۇپىنى سۇنغان يىغىندىكى «ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقى خۇشاللىقىمىز، قايغۇسى قايغۇمىزدۇر» دېگەن سۆزلىرى ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ «بىز بىر مىللەت، ئىككى دۆلەتمىز» دېگەن جاۋابى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تاناب ، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەت كۈچلۈك غەيرەت، قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. ھازىرقى ھالىتى بويىچە ماڭسا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە نىشانلىرىغا يېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر