ئاكىنجى: رۇم تەرەپ قىزغىن بولمايۋاتىدۇ

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە قىزغىن بولمايۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاكىنجى: رۇم تەرەپ قىزغىن بولمايۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىس بىتەرەپ رايوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە، تۈرك تەرەپنىڭ مۇزاكىرەچىسى ئۆزدىل نامى، رۇم مۇزاكىرەچىسى ئاندرېياس ماۋروياننىس، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېلىزابېت سپھېر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر قاتناشتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇم تەرىپىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە قىزغىن بولماسلىقىنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ رۇم رەھبىرى ئاناستاسيادىسنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان ئۈچ دانە ئارال ئەتراپىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە پائالىيەت قىلىش خىتابنامىنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قارارنىڭ رۇم تەرىپىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەبىئىي گاز قېدىرىش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇستافا ئاكىنجى 2015-يىلى مۇزاكىرەلەرنى باشلاشتىن بۇرۇن رۇم رەھبەر ئاناستاسىيادىسقا ئاقدېڭىزدىكى تەكشۈرۈشلەردىن يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇم رەھبەرگە بۇنى ياكى مۇرەسسە بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ياكى بۇلارنى كېچىكتۈرۈپ، مۇزاكىرەلەرگە پۇرسەت يارىتىمىز، دېگەن ئىدۇق. بىز بۇ نۇقتىدا توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايمىز، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان توغرا چۈشىنىش ئانچە كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا يېڭى قېدىرىشلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى دېيىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەلۋەتتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدۇ» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدە قارار چىقىرىشقا ئۈنۈملۈك قاتنىشىش باسقۇچى» ۋە «تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن گىرېتسىيە پۇقرالىرىغا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش» مەسىلىلىرىگە دىققەتنىڭ مەركەزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇزاكىرەلەر دائىرىسىدە، ماي ئېيى ئىچىدە ئۈچ يىغىن ئاچىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر