تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ تۈركىستان / ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ تۈركىستان / ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى» توغرىسىدىكى سېلىشتۇرمىلىق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ تۈركىستان / ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى

تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جامائەت دىپلوماتىيەسى تۈركىستان رايونىدا مۇھىم بىر تاشقى سىياسەت ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ تۈركىستان / ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى» توغرىسىدىكى سېلىشتۇرمىلىق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

خىتاي تۈركىستان / ئوتتۇرا ئاسىيانى تارىخىي تەسىر كۆرسىتىش ساھەلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. ئىقتىسادى بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمۇ سۈرئەت بىلەن ئاشقان خىتايغا نىسبەتەن تۈركىستان (دۆلەتنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلى بىلەنمۇ چېگرىداش بولغانلىقى سەۋەبىدىن)، ئوخشاشلا خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۇقتىسىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق بىر تۈركىستان سىياسىتى باردەك قىلسىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۈچلۈك ئىقتىسادىي نوپۇز كۈرىشى بار.

تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتى رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا ئىگە، ئۆزئارا ۋە قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن شۇنداقلا دېموكراتىك قىممەت – قاراشلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن ئىبارەت. تۈركىيە بۇ سىياسىتى سايىسىدا رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر شېرىكىگە ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى مەدەنىيەت، مائارىپ، مېدىيا ۋە تەرەققىيات ياردەملىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ دائىرىدە تاشلانغان دەسلەپكى قەدەملەرنىڭ بىرى 1993 – يىلى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) نىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. تۈركسويغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ئەزا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 6 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ۋە مولدوۋاغا قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى كۆزەتكۈچى ئەزادۇر.

خىتاي رايوندا يۇمشاق كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا؛ خىتاينىڭ تۈركىستاندىكى مەنپەئەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋاسىتىلىرى بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھەربىي مانېۋىرلار، تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش، چېگرا رايونى سودا ساھەسى بەرپا قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەركىن سودا رايونى ۋە يېڭى يىپەك يولى لايىھەسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خىتايلار تەرىپىدىن ياتقۇزۇلغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى تۈركىستاننىڭ رايون خاراكتېرلىك ماسلىشىشىغا ياردەمچى بولدى ۋە بۇ يەردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىۋاسىتە خەۋپ شەكىللەندۈرمىدى. قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى سايىسىدا موسكۋاغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتتى. 2020 – يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ تۈركىستان رايونىدىن چىققان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارىغا ئايلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ مالىيەسى بىلەن قۇرۇلغان نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنىڭمۇ رۇسىيەنىڭ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى مونوپوللۇقىنى ئازايتىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

جامائەت دىپلوماتىيەسى ئۇقۇمىغا تەشۋىقات مەركەزلىك پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەن خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورگانلىرى دۆلەت كېڭىشى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە خەلقئارا خىتاي تىلى كېڭىشىدۇر. خەلقئارا خىتاي تىلى كېڭىشى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭمۇ ئاساسىي مەركىزى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردا خىتايچە ئۆگىتىش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ مەركەزلەر يەنە، ئوقۇش ياردەم پولى بېرىش ئارقىلىق خىتايغا ئوقۇغۇچى جەلپ قىلىشنىمۇ نىشان قىلماقتا. ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى ۋە تارقىتىلغان ھەر خىل ئوقۇش پۇللىرى ئارقىلىق %75 ى ئاسىيالىق بولۇپ ھەر يىلى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدا ئوقۇشقا كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.  تاشقى ئىشلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ چەت ئەللىك دىپلوماتلارغا ئۈچ ئايلىق كۇرسلار باشلاندى. بۇ ئارقىلىق كېلەچەكنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىجابىي بىر خىتاي ئوبرازى شەكىللەندۈرۈش نىشان قىلىنماقتا.

رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مائارىپ خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان تۈركىيە، 1992 – يىلىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مىڭلارچە ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. يەنە، تۈركچىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇھىم جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى؛ ئاستانا ۋە باكۇ مەركەزلىرى ئارقىلىق رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى قارمىقىدا رايوندا ھەر خىل تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى 1997 – يىلىدىن بۇيان بىشكەكتە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۇنجى ئورتاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قازاقىستاندىكى ئورنىدا داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇۋاتقان خىتاي، بۇ رايوندا ياشايدىغان قازاق ۋە قىرغىز ئاز سانلىقلارغا ئىمتىياز بېرىپ، ئېتنىك ئايرىمچىلىقنى ئۇلغايتىشقا مايىل قەدەملەرنى تاشلىماقتا. ھەر خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلى پىروگراممىلىرى بىلەن خىتايغا تەكلىپ قىلىنغان تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. خىتاي، بۇ سىياسەتلىرى ئارقىلىق رايوننىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈپ، تۈركىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق يىپەك يولى لايىھەسىگە ئۈستقۇرۇلما تەييارلاشنى كۆزلىمەكتە. يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتاينىڭ رايونغا ئالاقىدار تەشۋىقاتىنى تارقىتىۋاتقان تەڭرىتاغ ئىسىملىك تور بېتى، تۈركچە، رۇسچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق تىللاردا تارقىتىشلارنى بېرىدۇ.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك تەلىم – تەربىيە، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، ئورمانچىلىق، يېزا – ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق لايىھەلىرى بار. 2009 – يىلى 21 – مارتتىن بۇيان تارقىتىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ساداسى بولۇش نىشانىغا ئىگە TRT Avaz تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئەڭ مۇھىم سېلىنمىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. TRT نىڭ چەت ئەل تىللىرى باشقارمىسىنىڭ ھەر خىل تۈرك شېۋىلىرى (ئەزەرىچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركمەنچە، ئۆزبېكچە، تاتارچە، ئۇيغۇرچە) دە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رادىيو ۋە ئىنتېرنېت تارقىتىشلىرىمۇ بۇ ساھەدىكى مۇھىم جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ.

قىرغىزىستاندا 15، قازاقىستاندا 4، ئۆزبېكىستاندا 2 ۋە تاجىكىستاندا 1 كۇڭزى مەركىزى ئاچقان خىتاي، يەنە خىتاي خەلقئارا رادىيوسىنىڭ مەھەللىي تىللاردىكى تارقىتىشلىرى ئارقىلىقمۇ رايونغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەقلى تەرىپىدىن يېتەكلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار بىلەن؛ خىتاينىڭ بولسا، بىۋاسىتە دۆلەت ئورگانلىرى ئارقىلىق رايوندا جامائەت دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. تۈركىيە بولسا، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىدىن ئوزۇق ئالغان ھالدا، يۇقىرىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە خاس بىر مودېل شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر