تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىستاندىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىستاندىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز.

674309
تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىستاندىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: جامائەت دىپلوماتىيەسى 2000 – يىللار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرى ئارىسىغا كىردى ۋە مۇھىم بىر تاشقى سىياسەت ۋاسىتىسى ئورنىغا ئىگە بولدى. بۇ نۇقتىمۇ ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىستاندىكى جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا يېزىپ چىققان  ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى تۈپ نىشانى رۇسىيەنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنىڭ ئازايتىلىشى ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قىرغىزىستاندا 143، تاجىكىستاندا 81، قازاقىستاندا 76، تۈركمەنىستاندا 29 ۋە ئۆزبېكىستاندا 21 دانە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان بار. ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى بۇ ئورگانلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، سوروس فوندى، ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى دېگەندەك خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ داۋامىدۇر. رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىشى ۋە «رەڭلىك ئىنقىلابلار» تەجرىبىسىدىن كېيىن رايون سەركىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارغا تەمكىن مۇئامىلە قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئورگانلار تەسىرىنى قىسمەن بولسىمۇ يوقىتىپ قويدى.

تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتى رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىققا ئىگە، ئۆزئارا ۋە قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن شۇنداقلا دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن ئىبارەتتۇر. تۈركىيە بۇ سىياسىتى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر شېرىكىگە ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيەتلىرى مەدەنىيەت، مائارىپ، مېدىيا ۋە تەرەققىيات ياردەملىرىگە مەركەزلىشىدۇ. بۇ دائىرىدە تاشلانغان دەسلەپكى قەدەملەرنىڭ بىرى، تۈرك مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ، تىلىنىڭ، تارىخىي مىراسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى، بۇ قىممەت – قاراشلارنىڭ دۇنياغا تونۇتۇلۇشى ۋە ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى نىشان قىلغان ھالدا،  1993 – يىلى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) نىڭ قۇرۇلۇشى بولدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن سىرت شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق 6 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ۋە مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىمۇ كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە تۈركسويغا ئەزادۇر.

ئوتتۇرا ئاسىيا – ئامېرىكا تەشەببۇسكارلار فوندى - رايوندا لىبېرال ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى گۈللەندۈرۈشنى نىشان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئورگىنى  بولۇپ، ئامېرىكا بانكىسى (Bank of America) نىڭ قوللىشى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. نۆۋەتتە ئامېرىكا – ئوتتۇرا ئاسىيا تەلىم – تەربىيە فوندى، دېگەن نام ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگان بولسا، رايوندا ئىگىلىك باشقۇرۇش مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، تەشەببۇسكارلىقنىڭ راۋاجلىنىپ ئوچۇق بازار ئىقتىسادىنىڭ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان تۈركىيە، 1992 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «بۈيۈك ئوقۇغۇچى لايىھەسى» دائىرىسىدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىنى كۈتۈۋالدى. ھازىرقى كۈندە، «تۈركىيە ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتلىرى (تۈركىيە بۇرسلارى) دېگەن نام ئاستىدا ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بىر ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتى لايىھەسى، چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر باشقارمىسى تەرىپىدىن بېرىلمەكتە. بۇ پىلان ياكى لايىھەنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان «تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوقۇش مۇكاپاتى» دائىرىسىدە ھەر يىلى ئونلارچە يېڭى ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنماقتا. يەنە، تۈركچىنىڭ كېڭەيتىلىشى يولىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، ئاستانە ۋە باكۇدىكى مەركەزلىرى ئارقىلىق رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى قارمىقىدا قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاندا تۆتتىن؛ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا بولسا بىردىن تەلىم – تەربىيە ئورگىنى بار.

قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى 1997 – 1998 ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىدىن بۇيان بىشكەكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. 2014 – 2015 ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دەسلەپكى ئوقۇش مەۋسۇمى ئېتىبارى بىلەن 9 فاكۇلتېت، 4 ئالىي مەكتەپ، 1 كەسپىي ئالىي مەكتىپىدە 4891 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالىي تېخنىكوم، ئىككى ئىنستىتۇتتا بولسا، 243 ماگىستىر ۋە دوكتورا ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ تۇنجى ئورتاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان <ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى>، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قازاقىستاندىكى مەركىزىدە ئېلىپ بارماقتا. 880 ئاكادېمىك خادىمى بار بولغان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىقتىساد، تارىخ ۋە مائارىپ، تېخنولوگىيە ۋە چەت ئەل تىللىرى فىلولوگىيەسى، قانۇن، دوختۇرلۇق، تەبىئىي پەن، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت، شۇنداقلا پىروگراممىچىلىق ۋە ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتلىرى بار.

ئامېرىكا – ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. رايوندا كېلەچەكنىڭ رەھبەرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان بۇ ئورگان، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 500 ئەتراپىدا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتتا 15 كە يېقىن دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى بار. ئامېرىكا ئارقا كۆرۈنۈشلۈك يەنە بىر تەلىم – تەربىيە ئورگىنى بولسا، 1997 – يىلى ئالمۇتىدا قۇرۇلغان – قازاق – ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكانىڭ قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا، ئۆزبېكىستاندا، تۈركمەنىستاندا كەڭ دائىرىلىك تەلىم – تەربىيە، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، ئورمانچىلىق، يېزا – ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق پىلان – لايىھەلىرى بار.

سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قۇرۇلغان ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى، پۈتكۈل سوۋېت تەۋەلىكىدىكىگە ئوخشاشلا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ قويۇق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ساداسى بولۇشنى نىشان قىلىپ، 2009 – يىلى 21 – مارتتىن بۇيان تارقىتىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان TRT Avaz قانىلى، تۈركىيەنىڭ رايونغا سالغان ئەڭ مۇھىم سېلىنملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قانالدا قازاقچە، قىرغىزچە، ئۆزبېكچە ۋە تۈركمەنچىدىن باشقا ئەزەربەيجان تۈركچىسى ۋە بوشناق تىللىرىدىمۇ تارقىتىش بېرىلىدۇ. يەنە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى چەت ئەللىرى باشقارمىسىنىڭ ئازەرىچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركمەنچە، ئۆبېكچە، تاتارچە، ئۇيغۇرچە قاتارلىق ھەر خىل تۈرك شىۋىلىرىدىكى رادىيو ۋە ئىنتېرنېت تارقىتىشلىرىمۇ بۇ ساھەدىكى مۇھىم جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىسىدۇر.

خۇلاسىلىگەندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەجرىبىسىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئەقلى تەرىپىدىن يېتەكلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ئارقىلىق رايوندا بىر جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ بولسا، بىۋاسىتە دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. تۈركىيە بولسا، بۇ تەجرىبىلەر ئارىسىدا ئۆزىگە خاس، تىنچلىقپەرۋەر بىر مودېل شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر