تۈركلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنىڭ باشلانغۇچى

چاناققەلئە ئۇرۇشى تۈركلەر ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلىش ۋە مەۋجۇت بولۇشنىڭ باشلانغۇچى.

تۈركلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنىڭ باشلانغۇچى

تۈركلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىنىڭ باشلانغۇچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1915 – يىلقى چاناققەلئە ئۇرۇشى تۈركلەر ئۈچۈن قايتىدىن تىرىلىش ۋە مەۋجۇت بولۇشنىڭ باشلانغۇچىدۇر. غەرب ئەنگلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ھۇجۇمغا ئۆتكەن گەلىبولۇ يېزىسىغا ئىسمىنى قويغان بۇ ئۇرۇش تۈركلەر تەرىپىدىن «چاناققەلئە ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

چۈنكى گەلىبولۇ پەقەت ئىشغالچى جاھانگىرلار ياكى غەربلىكلەر تەرىپىدىن گالىپولى دەپ ئاتالغان يېزىغا ئەمەس، چاناققەلئەگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرك دۆلىتىنى ئىشغال قىلماقچى بولغانىدى.

چاناققەلئە تۈركلەرنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇش ۋە تىرىلىش ئۇرۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر يىلى ماي ئېيىدا مىليونلارچە تۈرك مەزكۇر ئۇرۇش يۈز بەرگەن تۇپراقلارنى زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە دەرد – ئەلەملىرىنى تىرىك تۇتىدۇ.

تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىشقا كېلىپ ئۇرۇشتا ئۆلگەن جاھانگىر كۈچلەرنىڭ مازارلىرىنىمۇ خۇددى ئۆز شېھىتلىرىنىڭكىگە ئوخشاش كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئابىدەلىرىنى تىكلىگەن. ھەر يىلى مىليونلارچە تۈرك قاتنىشىدىغان بۇنداق مۇراسىملاردا ئىشالچى ئەسكەرلەرنىڭ مازارلىرىغا بىرمۇ زىيان يەتكۈزىدىغان ئىش ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. تۈركلەر ئۆز شېھىتگاھلىقلىرىغا قانداق كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلارنىڭ مازارلىرىغىمۇ شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئەنگلىيەلىك، ئاۋىستىرىيەلىك ياكى يېڭى زېلاندىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ مازارلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۆز ئەسكەرلىرىگە قانداق ھۆرمەت بىلدۈرسە، ئۇلارغىمۇ شۇنداق ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. تۈركلەر بۇ ئىشغالچى ئەسكەرلەرگە خۇددى ئۆز زېمىنىدىكى ئەبەدىي مېھماندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.

يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدە كىنو سېنارىيەلىرىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان بىر ئۇرۇش ھېكايىسى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلغانىدى.

ھادىسە 1915 – يىلى چاناققەلئە ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ. ئانزاك ئەسكەرلىرى بىلەن ئالدىنقى سەپتە جان تىكىپ ئېلىشقان مۇرات ئەلى ئىسىملىك تۈرك ئەسكىرى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يەردە يېڭى زېلاندىيەلىك بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتىگە كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ ھەمدە بۇ ئەسكەرنىڭ قول ياغلىقىنى ئۇرۇش خاتىرىسى سۈپىتىدە يېنىغا ئېلىۋالىدۇ.

تۈرك ئەسكىرى جورج ئۇرېن ئىسىملىك ئەسكەردىن خاتىرە سۈپىتىدە ئالغان قول ياغلىقىنى ئوق تەگكەن ئەڭ يېقىن دوستى يۈسۈف ئۆزنىڭ يارىلىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بىراق بېشىغا ۋە كۆكسىگە ئوق تېگىپ شېھىت بولىدۇ.

مۇرات ئەلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ قول ياغلىقنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۆزنىڭ تۇل قالغان خوتۇنىغا ھەدىيە قىلىدۇ. چۈنكى قول ياغلىقتىكى قان يۈسۈف ئۆزگە ئائىتتۇر.

ئۇرۇشتىن تەخمىنەن 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈرك تارىخشۇناس ۋە ژۇرنالىست ئۆمەر ئارسلان ئوتتۇرىغا چىقارغان ۋەقە يېڭى زېلاندىيەدە تارقالغاندىن كېيىن ئانزاك ئەسكىرى ئۇرېننىڭ ئائىلىسى يەرلىك تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر قول ياغلىقنىڭ جورج ئۇرېن تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئانزاك ئەسكىرىنىڭ نەۋرىسى پېرى ئۇرېن، مۇنداق دەيدۇ: «بوۋام 1915 – يىلى 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ئۈچۈن مىسىرغا ئەۋەتىلگەنىكەن. كېيىن ئۇ 1915 – يىلى گەلىبولۇغا كېتىپتۇ. مىسىردىكى ۋاقتىدا چوڭ ئانام بوۋامغا بىر قول ياغلىق ئەۋەتىپتۇ. ھەتتا بۇ قول ياغلىقنى 28 – ماتەم كۈنى ئۈچۈن ئەۋەتىپتۇ. بوۋاممۇ بۇ قول ياغلىقنى ئۇرۇش جەريانىدا ھەمىشە يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرۈپتۇ. جۈملىدىن بۇ قول ياغلىقنىڭ خاتىرىسى ناھايتى چوڭ.»

پېرى ئۇرېن چاناققەلئەگە قاراشلىق ھاجىپەھلىۋان يېزىسىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئۇدا 102 يىلدىن بۇيان ساقلاۋاتقان قول ياغلىقنى ئېلىشقا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

يۈسۈف ئۆزنىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرىمۇ بۇ تەلەپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرىدۇ. كىم بىلىدۇ؟ بەلكى ھازىر پېرى خانىم چاناققەلئەنىڭ ھاجىپەھلىۋان يېزىسىدا بوۋىسىغا ئائىت قول ياغلىقنى ئېلىشقا كەلگەندۇر.

چاناققەلئە ئۇرۇشىدا بىز باشتىن كەچۈرگەن تىراگېدىيەنىڭ تارىخىمىزدا بەلكى مىڭلارچە ئوخشىشى باردۇر. بۈگۈنكى كۈندە تۈركلەر چاناققەلئەدىكى بۇ قايغۇ – ھەسرەتلىك ۋەقەدە تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئىپتىخارلىق ئىشى تۈپەيلى ھەممە يەردە ئۆزلىرىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدۇ.

تۈركىيە پاسپورتى بىلەن دۇنيانى ئايلىنىۋاتقانلار يۈز يىللار ئىلگىرى تۈرك ئەسكىرىنىڭ ئېسىل خىسلىتى سايىسىدا تۈرك دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئايىغى تەگكەن ئەللەردە دائىما قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. بۇ پاسپورت كونترولىدىن تارتىپ، مېھمانسارايلاردىكى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشقىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە بالقان رايونىغا قىلغان زىيارەتلىرىدە ھەم دۆلەت ھەم خەلق تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبىنىڭ پەردە ئارقىسىدىمۇ ئەنە شۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ياتىدۇ.

ئەردوغان يېقىندا ئېلىپ بارغان ئافرىقا زىيارىتىدە بارغانلىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك رەسمىي مۇراسىملار ئارقىلىق ئالاھىدە قارشى ئېلىندى. تۈرك كارخانىچىلارغا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى. ئەردوغان ئافرىقا كوچىلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ئەركىنلىك ۋە ئادالەت مەشئېلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۈركلەر بىلەن ئافرىقىلىقلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ھەمراھ بولۇش مۇمكىنچىكىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ھازىرقى زامان ئافرىقا تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئاق تەنلىك بىر رەھبەر» ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلماقتا. ئافرىقا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق قايتىدىن ئۆزىگە ئىشەنمەكتە.

دۇنيانىڭ بەشتىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، ئافرىقىنىڭ تەقدىرىنىڭ يوقسۇللۇق ئەمەسلىكىنى، غەربنى باي قىلغان ئافرىقىنىڭ كان بايلىقلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىدە ئۈزلۈكسىز جاراڭلىماقتا.

ئافرىقىلىقلار بۇنىڭدىن بىرقانچە ئەسىر ئىلگىرى تۈرك ئەسكەرلىرى پورتۇگالىيەلىك، ئىسپانىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىك مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى بۇ تۇپراقلارنى قوغداش جەريانىدا شېھىت بولۇپ، كۆمۈلگەن شېھىتگاھلىقلارنى بىرەر چاناققەلئە شېھىتگاھلىقى دەپ بىلىدۇ. ھېيت – بايراملاردا ئافرىقىدىكى ھەرقانداق بىر تۈرك شېھىتگاھلىقىغا بارسىڭىز، تۈركلەرنىڭ مازارلىرىنىڭ بېشىدا قۇرئان ئوقۇۋاتقان ياكى دۇئا قىلىۋاتقان مىڭلارچە ئافرىقىلىقنى كۆرىسىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر