ئىسلام كەرىموۋ بالنىستقا ئېلىندى

ئۆزبېكىستان ئىچكى كابېنتى، پىرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

561134
ئىسلام كەرىموۋ بالنىستقا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنتى بايانات بېرىپ، «پىرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋنىڭ ئەتراپلىق تېببىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش جەريانىغا مۇئەييەن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا، كەرىموۋنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

78 ياشلىق ئىسلام كەرىموۋنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بەزى خەۋەرلەر چىققان بولسىمۇ، ئۆزبېكسىتان دائىرىلىرى ئۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر