تارىختىكى بۈگۈن: 11 - يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

تارىختىكى بۈگۈن: 11 - يانۋار
  • 630-يىلى 11-يانۋار مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە كەئبە ۋە مەككە شەھىرىنى پەتھى قىلىشى، پۈتكۈل ئەرەبىستاننىڭ پەتھى قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، ئىسلامىيەتنىڭ كەڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن مۇھىم باشلانغۇچ نۇقتىسى بولدى.
  • 1921-يىلى 11-يانۋار ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى ئىنۆنۈ جېڭىنىڭ ئاخىرقى كۈنى. گىرېتسىيە كۈچلىرى بۇ كۈندە چېكىنىشكە باشلايدۇ. بىرىنچى ئىنۆنۈ جېڭىنىڭ غەلىبىسى نەتىجىسىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نى قۇرغان مۇنتىزىم ئارمىيە، تۇنجى زەپىرىنى قازانغان بولدى.
  • 1922-يىلى 11-يانۋار ئىنسۇلىن دىئابىت (شېكەر) كېسىلىنى داۋالاشتا تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە قوللىنىلدى. 14 ياشلىق دىئابىت بېمارى لېئونارد سومپسوھ ئىنسۇلىن بىلەن داۋالانغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.
  • 1946-يىلى 11-يانۋار ئەنۋەر خوجا ئالبانىيەدە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلدى ۋە ئالبانىيەنىڭ تۇنجى رەئىسى بولدى.
  • 1693-يىلى 11-يانۋار ئېتنا يانار تېغى تۇنجى قېتىم ھەرىكەتلەندى. ئىتالىيەدىكى سىجىلىيەنىڭ شەرقىدە ئېگىزلىكى 3300 مېتىر كېلىدىغان ئېتنا تېغى، يۈز يىللاردىن بۇيان ئاكتىپ ھەرىكەتتە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر