ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى رۇسىيەنىڭ خىمكى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

ئانادولۇ ئەفەس ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 18-ھەپتىسىدىكى مۇسابىقىسىدە، رۇسىيەنىڭ خىمكى كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى رۇسىيەنىڭ خىمكى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئەفەس ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 18-ھەپتىسىدىكى مۇسابىقىسىدە، رۇسىيەنىڭ خىمكى كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 20:00 دە سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە 11 مەيدان ئۇتۇپ، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئانادولۇ ئەفەس، گۇرۇپپىسىدا 4-ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.

يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتقان، 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان رۇسىيەنىڭ خمكى كوماندىسى، گۇرۇپپىسىدا 12-بولدى.

ئىككى كوماندىنىڭ بۇ پەسىللىك تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسدە، ئانادولۇ ئەفەس 84 كە قارشى 85 نومۇر بىلەن غەلىبە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر