رېيال مادرىد كوماندىسى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئىسپانىيە 1-پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 18-ھەپتىسىدە رېيال مادرىد (Real Madrid) كوماندىسى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن رېيال سوسايداد (Real Sociedad) كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

رېيال مادرىد كوماندىسى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسپانىيە 1-پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 18-ھەپتىسىدە رېيال مادرىد (Real Madrid) كوماندىسى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن رېيال سوسايداد (Real Sociedad) كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە، رېيال سوسايداد كوماندىسىنىڭ ماھىرى ۋىليام جوسې بىر جازا توپ تېپىپ، رېيال مادرىد كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە، 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا، رېيال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى سېرىق كارت سەۋەبىدىن 10 غا چۈشۈپ قالدى. نەتىجىدە، ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن رېيال سوسايداد كوماندىسى 83-مىنۇتتا، نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى.

مۇسابىقە رېيال سوسايداد كوماندىسىنىڭ 0 گە قارشى 2 نەتىجىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

رېيال مادرىد كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئالتە قېتىم مەغلۇب بولۇپ، 5-رەتتىن ئورۇن ئالدى ۋە 30 نومۇردا قالدى. رېيال سوسايداد كوماندىسى نومۇرىنى 22 گە چىقاردى.

ئىسپانىيە مەتبۇئاتلىرى رېيال مادرىد كوماندىسىغا 2018-يىل 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تېرېنېرلىق قىلىۋاتقان ئارگېنتىنالىق سانتىياگو سولارىنىڭ كوماندىدىكى كېلەچىكىدە سوئال پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر