دۇنيا پۇتبول مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇكاپاتلىرى مۇراسىمىدا، يىلنىڭ پۇتبولچىلىرىغا مۇكاپات تارقىتىلدى.

دۇنيا پۇتبول مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇبەي تەنتەربىيە كېڭىشى ياۋروپا كۇلۇبلار بىرلەشمىسى ۋە پۇتبول دىرېكتورلىرى بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا پۇتبول مۇكاپاتلىرى مۇراسىمى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

رېيال مادرىد كوماندىسىدا رېكورت ئۈستىگە رېكورت ياراتقان ۋە جۇەنتۇس كوماندىسىدا ئۈستۈن ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان رونالدو، يىلنىڭ پۇتبولچىسى بولۇپ باھالاندى. رونالدونىڭ ۋاراتاغا كىرگۈزگەن توپىمۇ، يىلنىڭ ئەڭ ياخشى توپى بولۇپ باھالاندى.

فىرانسىيە كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن دىدېيىر دېسچامپس يىلنىڭ ئەڭ ياخشى تېرېنېرى بولۇپ باھالاندى. بىرازىلىيەنىڭ پۇتبول ماھىرى رونالدو دې نازارىيو ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر