فەنەرباھچە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىشنى كاپالەتلەندۈردى

فەنەرباھچە كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ D گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن، گۇرۇپپىدىن چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

فەنەرباھچە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقىشنى كاپالەتلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ D گۇرۇپپىدىن چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان فەنەرباھچە كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، سلوۋاكىيەنىڭ سپارتاك ترناۋا كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئىككى كوماندا ئۈچۈن سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بۇ مۇسابىقىدە، فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى ئەرۋىن كوئېمان، يىگىتخان گۈۋەلى، ئۆمەر چاكى ۋە ماھسۇن چاپكان قاتارلىق ياشلارغا مەيدانغا چۈسۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 41 مىنۇت ئۆتكەندە سپارتاك ترناۋا كوماندىسىنىڭ ئەسلى تۈرك ئاۋستىرىيەلىك ماھىرى قۇبىلەي يىلماز فەنەرباھچە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە سپارتاك ترناۋا كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا تېپىلگەن ھېچقانداق توپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەتىجە 0-1 بىلەن ئاخىرلاشتى.

فەنەرباھچە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئوينىغان ئالتە مۇسابىقىدە ئىككى قېتىم غەلىبە قىلدى، ئىككى قېتىم نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئىككى قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويدى. گۇرۇپپىدا دىناماۋ زاگرېب كوماندىسى بىرىنچىلىكنى، فەنەرباھچە كوماندىسى ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۇرۇپپىدىن چىقىشنى كاپالەتلەندۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر