ئەردوغان موتوسىكلىت دۇنياسىدىكى ياش چېمپىيونلارنى قوبۇل قىلدى

15 ياشلىق جان موتوسىكلىت تەنھەرىكىتىدە دۇنيادا ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش چېمپىيون ھېسابلىنىدۇ. ئاكىسىغا ئوخشاش غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان جاننىڭ ئىنىسى دېنىز ئۆنجۈ بولسا 11 ياشتا.

ئەردوغان موتوسىكلىت دۇنياسىدىكى ياش چېمپىيونلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلار موتوسىكلىت تەنھەرىكەت دۇنياسىدا «ئۆنجۈ كاردەشلەر» دەپ بىلىنىدۇ. 15 ياشلىق جان موتوسىكلىت تەنھەرىكىتىدە دۇنيادا ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش چېمپىيون ھېسابلىنىدۇ. ئاكىسىغا ئوخشاش غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان جاننىڭ ئىنىسى دېنىز ئۆنجۈ بولسا 11 ياشتا.

تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ھەيرانلىق بىلەن قارايدىغان بۇ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «3موتو-2018» مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان جان ئۆنجۈ بىلەن قېرىندىشى دۆلەتلىك موتوسىكلىت ماھىرىدېنىز ئۆنجۈنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

ساكاريا پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق دۆلەتلىك موتوسىكلىت ماھىرى كەنان سوفۇئوغلۇ «چېمپىيونلار» نى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تونۇشتۇردى. ئىككى چېمپىيون ئالاھىدە ياسىتىلغان موتوسىكلىت قالپىقىنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر