تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) مۇسابىقىلىرىدە رۇسىيەدىن نەتىجىسىز قايتتى.

تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى Bبىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2-گۇرۇپپىدىكى ئۈچىنچى مۇسابىقىدە، رۇسىيە كوماندىسىغا 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇسابىقىسى سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە 78 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككى توپ كىرگۈزدى. رۇسىيە كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن نەتىجىسىنى 7 نومۇرغا چىقاردى، تۈركىيە كوماندىسى 3 نومۇرلۇق نەتىجىسىنى ساقلاپ قېلىپ، گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولدى.

گۇرۇپپىسىدا بىرىنچىلىكنى نىشان قىلغان تۈركىيە كوماندىسى A بىرلەشمىسىگە چىقىش پۇرسىتىنى قولدى بېرىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر