تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى ئەزەربەيجان كوماندىسىنى يەڭدى

ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار ۋالىيبول چېمپىيونلۇقىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقسى داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى ئەزەربەيجان كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى F گۇرۇپپىسىدىكى ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە ئەزەربەيجان ئاياللار كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشتى. تۈركىيە كوماندىسى 24 كە قارشى 26 نومۇر بىلەن بىرىنچى مەيداندا ئۇتتى. ئىككىنچى مەيداندا 17 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى. ئۈچىنچى مەيدا بولسا، 25 كە قارشى 22 نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. تۆتىنچى مەيدا، 21 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن يېڭىپ، ئەزەربەيجان ئاياللار كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىلەردە رۇسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى، گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى تايلاند ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر