خەلقئارا ۋاسكېتبول ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئەتە ئىسپانىيەدە باشلىنىدۇ

خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى ئىسپانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا 22-سېنتەبىر باشلىنىدۇ.

1054021
خەلقئارا ۋاسكېتبول ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئەتە ئىسپانىيەدە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى ئىسپانىيەنىڭ تېنېرىفې شەھىرىدە 22-سېنتەبىردىن 30-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى B گۇرۇپپىدا ئاۋستىرالىيە، ئارگېنتىنا ۋە نىگېرىيە كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئاياللار ۋاسكېتبول چېمپىيونلۇقىدا، كوماندىلار تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ ۋە جەمئىي 16 كوماندا قاتنىشىدۇ.  گۇرۇپپىدا نومۇرى بىرىنچى بولغان گۇرۇپپىلار بىۋاستە چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان كوماندىلار چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش ئۈچۈن شاللاش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر