تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى شىۋېتسىيە پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

2018-09-10T192607Z_997294694_RC1509217C40_RTRMADP_3_SOCCER-UEFA-NATIONS-SWE-TUR.JPG
2018-09-10T194127Z_500235453_RC1F7E2316A0_RTRMADP_3_SOCCER-UEFA-NATIONS-SWE-TUR.JPG
2018-09-10T202611Z_220541749_RC1C8D552000_RTRMADP_3_SOCCER-UEFA-NATIONS-SWE-TUR.JPG
2018-09-10T202649Z_1117011098_RC14F018B9B0_RTRMADP_3_SOCCER-UEFA-NATIONS-SWE-TUR (1).JPG
2018-09-10T212006Z_312029610_RC15216B9C80_RTRMADP_3_SOCCER-UEFA-NATIONS-SWE-TUR.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدراتىيەسى بىرلىكى مىللەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 2. گۇرۇپپا ئايلانما مۇسابىقىلىرىدە شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىلىرى سىتوكھولمدىكى دوستلۇق پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى.

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى دەسلەپ 2 توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، لېكىن كېيىنكى مەيداندا تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ماھىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن 3 توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىدە يەڭدى.

مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا شىۋېتسىيە ماھىرى تېلىن كالا توپ ئاتتى، تۈركىيە ماھىرى سىنان بولات توپنى چىقىرىۋەتتى، لېكىن تېلىن قايتىدىن توپنى ئېلىپ ۋارتاغا سولىۋەتتى.

مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىنى ساھىبخان كوماندا ياخشى باشلىدى ۋە يەنە بىر توپ كىرگۈزدى.

مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا شىۋېتسىيە ماھىرى كىلاسون تەخمىنەن 30 مېتىر يىراقلىقتىن بىر توپ كىرگۈزدى.

بۇ توپ كىرىپ 2 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ماھىرى مەھمەت توپالنىڭ پاس بېرىشى بىلەن ھاكان چالھانئوغلۇ 1 توپ كىرگۈزدى.

88-مىنۇتقا كەلگەندە تۈركىيە ماھىرى ئەمرە ئاكبابا 1 توپ كىرگۈزدى ۋە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى.

ھەممەيلەن مۇسابىقىنىڭ تەڭ نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرغاندا، ئەمرە ئاكبابا يەنە 1 توپ كىرگۈزۈپ تۈركىيە كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

نەتىجىدە تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە پۇتبول كوماندىسىنى يەڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر