تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى بۈگۈن (10-سېنتەبىر) ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى (UEFA) چېمپىيونلۇقىنىڭ ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە، شىۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  UEFA تۈركىيە-شىۋېتسىيە مۇسابىقىسى سولنا شەھىرىدە ئەنقەرە ۋاقتى 21:45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:45 تە باشلىنىدۇ. ئىسپانىيەلىك جېسۇس گىل مانزانو مۇسابىقىنىڭ رېپېرى بولىدۇ.

تۈنۈگۈن (9-سېنتەبىر) كى رۇسىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن رۇسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقىدە پۇتى زەخمىلەنگەن سەردار ئازىز بىلەن ئۆمەر بايرام بۈگۈنكى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.

شىۋېتسىيە كوماندىسىدىنمۇ پۇتى زەخمىلەنگەن ئېمىل فورسبېرگ ۋە مارتىن ئولسسونلارمۇ بۈگۈنكى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر