فىرانسىيە گوللاندىيەنى يېڭىۋالدى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەسى «UEFA» نىڭ دۆلەتلىك كوماندىلار سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىسىنىڭ 3 غالىبى مۇئەييەنلەشتى.

فىرانسىيە گوللاندىيەنى يېڭىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەسى «UEFA» نىڭ دۆلەتلىك كوماندىلار سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىلىرى 4كۈنىدە، سائەت 21:45 ئۆتكەندە باشلانغان 3 مۇسابىقە بىلەن ئاخىرىلاشتى.

ئا بىرلەشمىسىنىڭ 1گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا فىرانسىيە كوماندىسى «Stade de France» تەنتەربىيە زالىدا گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. 

مۇسابىقىدا فىرانسىيە كوماندىسى تېز سۈرئەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى. 14مىنۇتتا كىيلىيان باپپەنىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن 0 گە قارشى 1 نەتىجىگە ئېرىشتى.

گوللاندىيە كوماندىسى 67مىنۇتتا بېشىكتاشلىق رىيان بابېلنىڭ بىر توپ كىرگۈزىشى بىلەن 1گە قارشى بىر نەتجىگە ئېرىشىپ، باراۋرەلىكنى قولغا كەلتۈردى.

فىرانسىيە كوماندىسى 75مىنۇتتا ئولىۋېر گىرۇدنىڭ بىر توپ كىرگۈزىشى بىلەن 1 گە قارشى 2 نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇتۇققا ئېرىشتى.

بۇ نەتىجە بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى 2 مەيدان مۇسابىقىدا 4 نۇمۇرغا ئېرىشتى. گوللاندىيە كوماندىسى مۇسابىقىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

قىبرىس رۇم تەرەپ كوماندىسىمۇ ج بىرلەشمىسىنىڭ 3گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا «GSP» تەرتەربىيە زالىدا سىلوۋېنىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

بۇ نەتىجە بىلەن قىبرىس رۇم تەرەپ كوماندسى 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇتۇققا ئېرىشكەن بولسا، سىلوۋېنىيە كوماندىسى نۇمۇرغا ئېرىشەلمەي مەغلۇپ بولدى.

د گۇرۇپپىسىدا بولسا، لىشتېشتايىن كوماندىسى «Rheinpark» تەنتەربيە زالىدىكى مۇسابىقىدا جەبىل تارىق كومماندىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشتى. 32مىنۇتتا دېننىس سالانوۋىچنىڭ ھەمدە 72مىنۇتتا ساندرو ۋېيسېرنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى بىلەن 0 گە قارشى 2 نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

د گۇرۇپپىسىدا لىشتېشتايىن كوماندىسى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، جەبىل تارىق كوماندىسى نومۇرغا ئېرىشەلمەي مەغلۇپ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر