FIFA يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى، تىرېنېرى، ۋاراتاچىسى ۋە ئەڭ ياخشى توپ كاتېگورىيەلىرى بويىچە تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

FIFA يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېيال مادرىد كوماندىسىنىڭ ماھىرى مودرىج، جۇۋەنتۇس كوماندىسىنىڭ ماھىرى رونالدو ۋە لىۋېرپۇلنىڭ ماھىرى سالا يىلنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

ئەڭ ياخشى ئەر تىرېنېر نامزاتلىقىغا، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى (UEFA) چېمپىيونلۇقىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلغان رېيال مادرىدنىڭ سابىق ماھىرى زىدانى، فىرانسىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى دىدىئېر دېسچامپىس ۋە كىرودىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى زلاتكو دالىج كۆرسىتىلدى.

يىلنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاراتاچىسى نامزاتلىقىغا، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاچىسى ھۇگو للورىس، رېيال مادرىدنىڭ بېلگىيەلىك ۋاراتاچىسى سىبوت كورتويس كۆرسىتىلدى.

كاتېگورىيەلەر بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا 24-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر