تۈرك ياشلىرى ئوقيا ئېتىشتا رېكورت بۇزدى

پولشانىڭ لېگنىجا شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئوقيا ئېتىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە تۈرك ياشلىرى رېكورت بۇزدى.

تۈرك ياشلىرى ئوقيا ئېتىشتا رېكورت بۇزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوقيا ئېتىش چېمپىيونلۇقىدا، تۈرك ماھىرى مەتە گازوز جەمئىي 686 نومۇرغا ئېرىشىپ، ياۋروپا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورت 685 نومۇر بولۇپ، ئىتالىيەلىك پاس كۇالۇككىنىڭ ئىدى.

مەتە گازوز ۋە ياسەمىن ئەجەم ئاناگۆز قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن كىلاسسىك ئوقيا كوماندىسى جەمئىي 1348 نومۇرغا ئېرىشىپ، ياشلار دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورت 1333 نومۇر بولۇپ، بۇ رېكورتنى مەتە گازوز بىلەن ەۈلناز بۈشرانۇر ياراتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر