فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى بېلگىيە كوماندىسنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

2018-07-10T191724Z_535029132_RC12F24D6140_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-FRA-BEL.JPG
2018-07-10T191436Z_1969069463_RC1BDF123EE0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-FRA-BEL.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچتا، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشتى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلاشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 51-مىنۇتقا كەلگەندە فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى سامۇئېل ئۇمتىتى بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى 1 گە چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، فىرانسىيە ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىدىغان تۇنجى كوماندا بولۇپ قالدى.

ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى رەقىبى، كىرودىيە-ئەنگلىيە مۇسابىقىسىدە ئېنىق بولىدۇ. بېلگىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قالدى.

كىرودىيە بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇسابىقىسى بۈگۈن (11-ئىيۇل) ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر