فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە ھەل قىلغۇچنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدۇ

رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

2018-07-09T122919Z_1897952027_RC1DA4E00000_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-FRA-BEL-PREVIEW.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ فىرانسىيە-بېلگىيە مۇسابىقىسى بۈگۈن (10-ئىيۇل) ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە 1-ت ر تTRT1))، 4 ك-ت ر ت TRT4K)) قاناللىرىدا ۋە fifa2018.trtspor.com.tr ئادرېسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 21:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 دە باشلىنىدۇ.

فىرانسىيە-بېلگىيە مۇسابىقىسىگە، ئۇرۇگۋاي پۇتبول فېدېراتسىيەسىدىن ئاندرېس جۇنھا رېپېرلىق قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ 74-قېتىم بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر