تاغدىن چۈشۈپ كەتكەن كورېيەلىك ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئاۋستىرالىيەدە كورېيەلىك بىر ئايال تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپ، ئارىدىن ئالتە كۈن ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

تاغدىن چۈشۈپ كەتكەن كورېيەلىك ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە كۋىنىسلەند ئىشتاتىنىڭ تۇللى رايونى ئەتراپىدىكى بىر تاغقا چىققان 25 ياشلىق كورېيەلىك جوھى ھان تاغدىكى چوڭقۇر ھاڭدىن دومىلاپ كەتكەن.

ب ب س (BBC) دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جوھى ھان تاغدىن دومىلاپ كەتكەندىن كېيىن، بىر شارقىراتما يېنىغا ئۆمىلەپ كەلگەن ۋە بىر قانچە كۈن ئاچ ھالدا قۇتقۇزۇشنى ساقلىغان. جوھى ھان بىر قانچە كۈنگىچە قونغان يەرگە كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلىرى دەرھال ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تاغدىن دومىلاپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتتا قالغان جوھى ھان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن تۇرۇۋاتقان جايىدىن تېپىلىپ، دەرھال تىك ئۇچار بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

جوھى ھاننىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 18 مېتىر ئېگىزلىكتىن دومىلاپ كەتكەن.

كۋىنىسلەند قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارىنىڭ سەھىيە خادىمى ھانناھ گاۋلكې ئا ب س نىيۇس (NewsABC) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جوھى ھاننىڭ شارقىراتما بار جايغا بېرىشتىن بۇرۇن بەش سائەت ئەتراپىدا ھوشىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جوھى ھاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "كۆپ ئۆمىلىيەلمەپتۇ ۋە ماڭالمىغاچقا كۈنلەرچە ئۇ يەردە قاپتۇ" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر