خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنى پاكىستاننىڭ ئەزالىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى، پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان ئەزالىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنى پاكىستاننىڭ ئەزالىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا سىرتتىن مۇداخىلە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن 2017 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردە ئەزالىقى توڭلىتىپ قويۇلغان پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 1 – مارتتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى؛ بۇ ئەھۋالدىن كېيىن قايتىدىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ  يېقىندىن كۆزۈتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2015 – يىلى پاكىستان پۇتبول بىرلەشمىسى باشلىقلىقىغا سايلانغان فەيسال سالىھ ھايات، چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلۇپ، ئورنىغا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر باشلىق تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر