سۈرىيەلىك دۇنيا چېمپىيونى بوكسيور كەمىرىنى ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەسلى سۈرىيەلىك دۇنيا چېمپىيونى بوكسيور مەھمۇد ئۆمەر مانۇئېل چارنى قوبۇل قىلدى.

سۈرىيەلىك دۇنيا چېمپىيونى بوكسيور كەمىرىنى ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكسيور مەھمۇد ئۆمەر جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئۇچرىشىشتا، رۇسىيەلىك بوكسيور ئالېكساندر ئۇستىنوۋنى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن كەمەرلەرنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەقدىم قىلدى.

كەمەرنىڭ ئۈستىگە مەرھۇم بوكسيور مۇھەممەد ئەلى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلدى.

ئۇچرىشىشقا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئوسمان ئاشقىن باكمۇ قاتناشتى.

دۇنيا چېمپىيونى بوكسيور مەھمۇد ئۆمەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئېرىشكەن كەمەرلەرنى سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، تۈرك خەلقى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر