ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رۇس تەنھەرىكەتچىلەرگە دائىر قارارى موسكۋانىڭ زەردىسىنى قايناتتى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، رۇسىيەنى 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى مەنئى قىلدى.

ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رۇس تەنھەرىكەتچىلەرگە دائىر قارارى موسكۋانىڭ زەردىسىنى قايناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىجرائىيە ئورگىنى يىغىنىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ، پيېئوڭ چاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلمىغانلىقى ئېنىقلانغان رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە مۇستەقىل ھالدا ئىشتىراك قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى؛ رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە «رۇسىيەدىن قاتناشقان ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسى» دېگەن نام ئاستىدا مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلار، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رۇسىيەنى 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىشتىن مەنئى قىلىنىشىغا ۋە روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلمىغانلىقى ئېنىقلانغان رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇستەقىل ھالەتتە مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىغا «قاتتىق» نارازىلىق بىلدۈردى.

رۇسىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ۋە دۇما پارلامېنت ئەزاسى ئىگور لېبېدېۋ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارارىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىدىغان رۇسىيەنى «تۆۋەن كۆرۈش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، رۇسىيەنىڭ پيېئوڭ چاڭ قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «بۇنىڭغا قايتۇرۇلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاب، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا ئىشتىراك قىلىشنى بايقۇت قىلىشتۇر. بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ كۈچىنى نامايان قىلالايمىز. ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە ئىشتىراك قىلىشىمىز ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ئولىمپىك كومىتېتى باشلىقى ئالېكساندىر جۇكۇۋ بولسا، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلىپ – قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىشى جەريانىدا رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورا ئىستېمال قىلمىغانلىقى كۆرۈلدى ۋە رۇس تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئۇتۇقلىرى دۇرۇس يول بىلەن ئېلىندى» دېدى.

رۇسىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە شىركىتى – VGTRK مۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، رۇسىيە كوماندىلىرى قاتناشمىغان تەقدىردە، رۇسىيەدە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە دائىر تارقىتىشلارنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر