ئەردوغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا چىمپېيونى بولغان تۈركىيە 23 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋالىبول فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاكىف ئۈستۈنتاغ دۇناي چىمپېيونى بولغان مىللىي كوماندىنى ۋە ۋالىبول فېدېراتسىيەسىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.

تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىنباكمۇ مىللىي كوماندىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

تۈركىيە 2017-يىللىق 23 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 17-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ساھىبخان كوماندا سىلوۋېنيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، چىمپېيونلۇققا ئېرىشتى.

تۈركىيە بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا 23 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم چىمپېيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. تۈركىيەنىڭ 23 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2013-يىلى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بەشىنچى، 2015-يىلى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر