ئەتە UEFA لوڭقىسىنىڭ چىمپېيونى ئېنىق بولىدۇ

ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد كوماندىسى بىلەن بىرلەشمە مانچېستېر كوماندىسى ئەتە (8-ئاۋغۇست) ياۋروپا فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكى (UEFA) نىڭ لوڭقىسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئەتە UEFA لوڭقىسىنىڭ چىمپېيونى ئېنىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېيال مادرىد كوماندىسى بىلەن بىرلەشمە مانچېستېر كوماندىسى UEFA لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماكېدونىيەنىڭ 2-فىلىپ مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 21:45 تە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:45 تە باشلىنىدۇ. مۇسابىقىگە ئىتالىيەلىك گىيانلۇكا روجچى رېپىرلىق قىلىدۇ. 1- ت ر ت قانىلى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.

ئىتالىيەنىڭ مىلان كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسى ياۋروپا فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى ئەڭ كۆپ قولغا كەلتۈرگەن كوماندىلار بولۇپ قالدى. بۈگۈنگىچە ياۋروپا فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە، ئىتالىيەنىڭ 13 كوماندىسى چىمپېيون بولدى. ئىتالىيە بولسا 13 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، توققۇز چىمپېيون چىقاردى.

تۈركىيەنىڭ گالاتاساراي كوماندىسى 2000-يىلى ئىسپانىيەنىڭ رېيال مادرىد كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ UEFA لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ئىدى.


خەتكۈچ: UEFA , پۇتبول

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر