Fitch Ratings تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن قۇدرەت تاپماقتا

Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 4.1 تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

756490
Fitch Ratings تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن قۇدرەت تاپماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Fitch Ratings تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بۇ يىل % 4.7 يۈكسەلگەنلىكىنى، كېلەر يىلى  % 4.1 يۈكسىلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇلتۇر ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 1.6  ، بۇ يىل % 2.1 يۈكسەلگەنلىكىنى، 2018 – يىلى % 2.6 تەرەققىي قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى؛ ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن  2016 – يىلى % 1.8، بۇ يىل % 2 يۈكسەلگەنلىكىنى، كېلەر يىلى % 1.8 يۈكسىلىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر