ئەردوغان ئىپتاردا سەنئەتچىلەر ۋە تەنتەربىيەچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە، سەنئەتچىلەر ۋە تەنتەربىيەچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

751332
ئەردوغان ئىپتاردا سەنئەتچىلەر ۋە تەنتەربىيەچىلەر بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىلىم – ئېرپاندىن خالىي بىر مەدەنىيەتنىڭ،  سەنئەت ۋە ئەخلاقتىن خالىي بىر تەنتەربىيەنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تەنتەربىيە مەلۇم گۇرۇپپىغىلا ئائىت بولۇش چۈشەنچىسىنىڭ دۆلەتكە ھېچقانداق پايدىسى بولمىغاننىڭ سىرتىدا، ئەكسىچە بۇنداق پوزىتسىيەنىڭ ھەر ساھەدە كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ كۈچى ۋە ئىقتىدارى بىلەن مەدەنىيەت – سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئورنى بىر – بىرىگە ماس ئەمەس. ئىلىم – ئېرپاندىن خالىي بىر مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە ئەخلاقتىن خالىي بىر تەنتەربىيە ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسەك، دۇنيادا تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشنى ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ ئەڭ كىچىك ئۈمىدىنىمۇ ئاقلىيالمايمىز.»

دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەتتە ۋە تەنتەربىيەدە باشقۇرىدىغان ئەمەس، قوللايدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇندا تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، پىرىنسىپ جەھەتتىن سەنئەتچىلەرنىڭ دۆلەت مەمۇرى بولۇشىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بارلىق سەنئەتچىلەر پائالىيەتلىرىنى ئۆز ساھەسەسىدە ئېلىپ بارسا ئەڭ توغرا بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەنتەربىيەچىلەر ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئاممىغا ئۈلگە بولىدىغان شەخسلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلار پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئەمەس، خەلقىمىزگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلىشلىرى كېرەك» دېدى.

ئىستانبۇل تاكسىمدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ چېقىلىپ، ئورنىغا يېڭى بىر مۇئەسسەسەنىڭ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پىلان لايىھەسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر