مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 08

1149189
مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت

مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت

 

مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

سىياسىي تۈزۈملەر، ئۆز خەلقلىرىگە قانچە ماشلاشقانسىرى ۋە ئۇلارنىڭ تاللاشلىرىنى ھاكىم ئورۇنغا ئېلىپ چىققانسىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىمۇ شۇنچە ساقلاپ قالالايدۇ. سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە مايىل ۋە ئۆزگىرىشلەرگە سەزگۈر بولۇشى، خەلققە يېتىدىغان مەنپەئەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ مەنپەئەتمۇ دائىملىققا ئىگە بولىدۇ. خەلقنىڭ تاللاشلىرىنى مەنسىتمىگەن، ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرىدىغان سىياسىي تۈزۈملەر بولسا، مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەجۇتلۇقىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ.

سىياسىي تۈزۈم نۇقتىسىدىن ئىسلام دۇنياسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا غەرب دۇنياسى سىرتىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرىنچى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى خەلقنىڭ تاللاشلىرىنىڭ سىياسەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماسلىقىدۇر. سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئوچۇق بولماسلىقىدۇر. بۇ ئەھۋال مەلۇم مۇددەتتتىن كېيىن مەزكۇر سىياسىي تۈزۈمنىڭ خەلق تەرىپىدىن قابۇل قىلىنماسلىق، قانۇنلۇق دەپ قارالمسلىقتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غەرب دۇنياسى سىرتىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىككىنچى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىسى، سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قانۇنلۇق ئۆزگىرىش شۇنداقلا بۇرۇلۇش ئىمكانى يارىتالماسلىقى ۋە بۇ ۋەجىدىن سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدۇر. ھاكىمىيەت بېشىغا بىر ئولتۇرغانچە ئاداققىچە ئولتۇرىۋېرىشىدۇر. سىياسىي ھاكىمىيەتلەر خەلق تەرىپىدىن قانۇنلۇق كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشقا دائىر تەلەپلەرگە ئانچە ئېتىبار بەرمەسلىكىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە خەلقلىرى قانۇنلۇق دەپ قارىغان پادىشاھلىق تۈزۈملىرىنى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ خەلقنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتتىن مەمنۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ياخشى باشقۇرۇش شەكلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى دۇنيادا دېموكراتىيە، خەلقنىڭ مەمنۇلۇق سەۋىيەسىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ تۈزۈم دەپ قارىلىشى مۇمكىن.

بۇ ئىككى ئەھۋالنى ئىشقا ئاشۇرالىغان سىياسىي تۈزۈملەر ئەڭ ياخشى تۈزۈم دەپ قارالسا، بۇ ھەر ئىككى ئەھۋالنى بەرپا قىلالمىغان تۈزۈملەر ئەڭ ناچار تۈزۈم دەپ قارىلىدۇ. دېمىسىمۇ بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ تاللاشلىرىغا پۈتۈنلەي ئىشىكىنى تاقىۋالغان، يەنە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلارغا يول قويمايدىغان سىياسىي تۈزۈلمەر ئەڭ ناچار نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈزۈملەردۇر.

ھەم خەلق تەرىپىدىن قانۇنلۇق كۆرۈلمىگەن، ھەم سىياسىي ھاكىمىيىتى ئىچىدە ئۆزگىرىشكە يول قويمايدىغان تۈزۈملەرنىڭ مىسالىنى ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خەلقنى ئۆزىگە تايانچ قىلمىغان، ئارقىسىدا خەلقنىڭ ئىرادىسى بولمىغان سىياسىي تۈزۈملەر بۇ بوشلۇقنى ئىچكى ۋە تاشقى باشقا ھاكىم كۈچلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۇ دېموكراتىيەگە قارشى كۈچلەر بولسا، ئۆز مەنپەئەتلىرى نۇقتىسدىن بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە دېموكراتىيەنىڭ ئەمەس، دىكتاتورلۇقنىڭ تېخىمۇ ئۈزۈن ئۆمۈرلۈك بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى دەل مۇشۇدۇر.

ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن ئۆزگىرىشىگىمۇ يول قويمايدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ھاكىمىيەتلەرنىڭ خەلقلىرى ئۈستىدىكى بېسىملىرى بارغانچە ئاشىدىغان، سىجىللىقى كۈنسىرى تۆۋەنلەيدىغان، ئىچكى جەھەتتە ھەممىدىن بەك ھەربىي كۈچنى تايانچ قىلىدىغان، سىرتتا بولسا، داۋاملىق ئىمپېرايالىست كۈچلەرنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ ئۆرە تۈرىدىغان ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ھاكىممۈتلەقلىق تەجرىبىسى

يېقىن مەزگىلدە بىر سىياسىي تۈزۈم ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تەجرىبىسى يۇقىرىدىكى تېمىمىزنىڭ تېخىمۇ بەك چۈشىنىشلىك بولىشىغا ھەسسە قوشالايدۇ. تۈركىيە ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزگەن خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق پارلامېنت تۈزىمىدىن پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىگە ئۆتكەن بىر دۆلەتتۇر. شۈبھىسىزكى، دۇنيادا پارلامېنت تۈزىمى ياخشى يۈرگۈزۈلگەن باشقا دۆلەتلەرمۇ بار. بىراق تۈركىيەنىڭ رىئاللىقىغا نىسبەتەن، پارلامېنت تۈزىمى خەلقنىڭ تاللاشلىرىنى ھاكىم ئورۇنغا چىقىرىدىغان ئەمەس، ئىچكى ۋە تاشقى ھاكىم كۈچلەرنىڭ تاللاشلىرىغا تېخىمۇ بەك ئېتىبار بېرىدىغان بىر تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. قىسقا مۇددەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان سىياسىي ھاكىمىيەتلەر، ئىچكى ۋە تاشقى ھاكىم كۈچلەرگە قارشى مەۋجۇتلۇقىلىرىنى قوغداپ قالالمىغان ۋە خەلقتىن ئالغان ۋەكىللىك ھوقۇقىنى مەزكۇر كۈچلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن ئىدى. دۆلەت سىرتىدىن قوللاشلار ۋە ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ياكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇشلار شۇنداقلا سوت ۋە بىيۇكراتىك ئولگارخارىيەلەر تۈركىيەدە دېموكراتىيەگە قارشى ئەھۋاللارنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرىگە ئايلانغان ئىدى. تۈركىيە سىياسىي تۈزۈمنى ئۆگەرتىش ئارقىلىق ئەمدىلىكتە ئىچكى ۋە تاشقى ھاكىم كۈچلەر ئۈچۈن قېيىن، ئەمما ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاسان باشقۇرغىلى بولىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. 

پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىدە پىرېزىدېنت پەقەت 2 قېتىملا سايلىنالايدىغان پىرېنسىپ بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ تۈركىيەنىڭ سىياسىي تۈزىمى خەلقنىڭ تاللىشىغا تېخىمۇ بەك سەزگۈر بولىدىغان ۋە سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش يولىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ئۆلچەملەرنىڭ تەققەززاسىنى تولۇق قامدىيالايدىغان بولدى. بۇ يېڭى تۈزۈمدە تۈركىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن خەلق سىياسەتنىڭ خوجايىنى بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى دېيىشكە بولىدۇ.

سىياسىي ھاكىمىيەتلەردە دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ چەكسىز ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن مۇددەت ئۆلچىمى بويىچە سايلىنىدىغان بولغانلىقى تولىمۇ مۇھىم.

دەرۋەقە ھېچبىر مەسىلىنى بىرلا سەۋەبكە باغلاشقا بولمايدۇ. بىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە باشقا جايلاردىكى نۇرغۇن دىكتاتور دۆلەتلەردە مانا مۇشۇنداق بىر بەلگىمە بولغان بولسا ئىدى، مۇشۇ بىر پىرىنسىپنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە قىلغان بولاتتى.  مەسىلەن؛ سۈرىيەدە مۇشۇ خىل بىر بەلگىلىمە بولغان بولسا، ئەسەدنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان بولاتتى ۋە سۈرىيە مەسلىسىنىڭ بىر قىسمى ھەل بولۇپ بولغان بولاتتى.

«كۈپىرلىق بىلەن بەلكىم داۋام قىلار، ئەمما زۇلۇم بىلەن ھاكىمىيەت داۋام قىلمايدۇ»

ئافرىقا، يىراق شەرق ۋە بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دىكتاتور دۆلەت تۈزۈملىرى مەيلى قانداق كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. باشقا دۆلەتلەردىكى كىشى ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يىقىندىن بىلىنىدىغان ھازىرقى ئۇچۇر - تېخنىكا دەۋرىدە خەلقنىڭ تاللاشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ھېچقانداق ھاكىمىيەت ئۇزۇنغىچە پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. بۇ خىل ھۆكۈمەتلەر مەيلى قانچىلىق كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆتمۈشتىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئۆزىنى ساقلاپ قالالمىغان ئىدى.

مانا بۈگۈن موڭغۇللار ۋە ئەھلى سەلىب يۈرۈشلىرىدىن ھېچ نەرسە قالمىدى.  دەل مۇشۇ ۋەجىدىن بۈيۈك سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ باش نازىرى نىزامۇل مۈلك «كۈپىرلىق بىلەن بەلكىم داۋام قىلار، ئەمما زۇلۇم بىلەن دۆلەت داۋام قىلمايدۇ» دەپ يازغان ئىدى.

ئانالىزىمىزنىڭ كىرىش قىسمىدا غەرب دۇنياسى سىرتىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسلىسىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلەردىكى خەلقنىڭ تاللاشلىرىغا ماس ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان يېڭىلىنىشلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشىلىك ئىشلارنى ئىما قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

غەرب دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى بەلكىم، سىياسى پائالىيەتلەرنىڭ كۈنسىرى خەلقنىڭ تەستىقىنى ئالغان ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە بارغانسىرى ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە شېرىك ھالغا كېلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ مەسىلىنىڭ ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن قانداق چوڭ خەۋپ ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كېلەر ھەپتىلىك مۇلاھىزىمىزدا ئاڭلىتىپ ئۆتىمىز ئىنشائاللاھ. 

يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «مىللەت، زىللەت ۋە سىياسەت» تېمىلىق ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەير خوش!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر