پارلاق كۈنلىرىگە يۈزلەنگەن مورو مۇسۇلمانلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 06

پارلاق كۈنلىرىگە يۈزلەنگەن مورو مۇسۇلمانلىرى

پارلاق كۈنلىرىگە يۈزلەنگەن مورو مۇسۇلمانلىرى

 

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «پارلاق كۈنلىرىگە يۈزلەنگەن مورو مۇسۇلمانلىرى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىندانو ئارىلىدا ياشايدىغان مورو مۇسۇلمانلىرى بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئازابتىنمۇ بەكرەك ئەڭ كۆپ ھارغىنلىق يەتكەن بىر رايون خەلقى بولۇپ، 1500يىلى باشلانغان ئازابلىرى قان، زۇلۇم، مۇشەققەت ۋە ئۆلۈم بىلەن يۇغۇرۇلغان دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مانا بۈگۈنكى كۈندە مۇئەييەن بىر ئۇمىت نۇرى تەرەپكە يۈزلەنگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. مۇرولۇق ئۆسمۈرلەر كۆز ياشلىرى توختاپ، زۇلمەتلىك كۈنلەرنى ئارقىدا قويىدىغان، ئاتا ئانىسىز، يېتىم قالماستىن، كەلگۈسىگە خاتىرىجەم قەدەم تاشلىيالىيالايدىغان شۇنداقلا كۆك يۈزىدە نۇرلارغا تولغان بىر كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان ھالغا كەلدى. 

مورو؛ تۈركىي تىللىق رايونلاردا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئوخشاش پەلەستىن، ئەرىترە ۋە كەشمىر قاتارلىق زۇلۇم ئاستىدىكى رايونلار بىلەن تەڭ كۈندىلىك دۇئالاردا ئەسكە ئېلىنىدىغان بىر رايون ئىدى. مورونى ھەممىدىن بەك سالىھ مىرزا بەي ئوغلۇنىڭ «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى»، «مۇرو داستانى» ناملىق شىئېرلىرى تېخىمۇ تەسىرلىك چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە مورو مۇسۇلمانلىرىنى باشقىچە بىر كەلگۈسى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئەمدى مەن 21يانۋاردا مورو مۇسۇلمانلىرى ئۆتكۈزگەن رېفىرامدۇم ئۈستىدە توختالماقچىمەن.

مورونىڭ قىسقىچە تارىخى؛

ئىسلامنىڭ فىلىپپىن ئاراللىرىغا يېتىپ كېلىشى، باشقا رايونلارغا كېلىشىدىن ۋە تارقىلىشىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مۇرولۇقلارمۇ مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسلامنى تونۇشۇشقا ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كەڭ كۆلەمدە مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان ئىدى. مورو مۇسۇلمانلىرى 1500يىلىغا قەدەر ئۆز ھاكىمىيەتلىرى ئاستىدا ياشىغان بولۇپ، مورو مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش 1521يىلى باشلانغان ئىدى. مورو مۇسۇلمانلىرى ئەندولوس ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ئۇرۇش فىلىپپىنلەرگىچە كېڭەيگەن ئەشۇ مەزگىللەردىن بۈگۈنۈگە قەدەر، تەخمىنەن 500 يىلدىن بويان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر توقۇنۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

1900يىللىرى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ئاساسلىق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مورو مۇسۇلمانلىرى، ئاسىمىلاتسىيە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قەستەن ئۆزگەرتىش تۈپەيلىدىن جەنۇپتىكى نۇرغۇنلىغان رايونلاردا ئازسانلىققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىسپانىيەلىكلەردىن كېيىن، 20ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر رايوننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى يولغا قويغان سىياسەتلەر ئارقىلىق مورو مۇسۇلمانلىرىنى ئۆلۈمگە ياكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان ئىدى.  2016كوتابوتو زىيارىتىم جەريانىدا يۈرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، قۇرۇغلۇققا يەرلىشىشى مەنئىي قىلىنغان مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانداقلارچە دەريالارنىڭ ئۈستىگە قۇرغان تۇنكا كەپىلەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.

**** **** *** *** ***

مورو مۇسۇلمانلىرى 1960يىللىرى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان يوقىتىش سىياسەتلىرىگە قارشى تەشكىللىك بىر ھەرىكەت باشلىدى. ئەسلىدە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ھەر خىل تەشكىلاتلار ئارقىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ كۈرشەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى فرونتى رەھبىرى سالامەت ھاشىم ۋە ئۇنىڭ 2003يىلىدىكى ۋاپاتىدىن كېيىن ئىز باسارى بولغان ھاجىمۇرات ئىبراھىم فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇردى.

40 يىل داۋاملاشقان ۋە 120 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمى شۇنداقلا 2 مىليون كىشىنىڭ كۆچىشىگە سەۋەب بولغان ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلامىي ئازادلىق ئالدىنقى فىرونتى ئوتتۇرىسىدا 2012يىلى بىر كېلىشىم ئىمزالاندى. 2014يىلىدا بولسا، تىنچلىق باسقۇچىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مۇستەقىللىق كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى قۇرۇلدى. فىلىپپىننىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى دۇتېرتە 2014يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا مورودا بىر ئاپتونوم رايون شەكىللەندۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

2019يىلى 21يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىدە مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھەق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى %80 لىك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن 80 ئەزاسى بولغان «باڭسامورو ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مەجلىسى» قۇرۇلدى. بىر پارلامېنتنىڭ رولىغا ئىگە بۇ ھۆكۈمەت مەجلىسى 2022يىلىغا قەدەر باڭسامورونى ئىدارە قىلىدىغان بولدى. رېفېراندومنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن رايوندا يىغىلىدىغان باجنىڭ %75 ى يەرلىك ھۆكۈمەتكە، %25 ى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئائىت بولىدىغان بولدى.  تەبىئىي بايلىقلارنىڭمۇ %75 ى رايون خەلقىگە 25 ى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تەۋە بولىدىغان بولىدىغان بولدى. باڭسامورو مۇسۇلمانلىرى فىلىپپىندىن پەرقلىق ھالدا رايوندا ئىسلام قانۇنى بويىچە ھاكىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئۆز ئىچىدە ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلالايدۇ. مورودىكى خىرىستىيانلار بولسا، فىلىپپىننىڭ دۆلەت قانۇنلىرى بويىچە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مورو مۇسۇلمانلىرى ئىچكى ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولىدۇ. تاشقى ئىشلىرىدا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە فىلىپپىن ھۆكۈتىگە رىئايە قىلىدىغان بولىدۇ.

 

مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېھتىياجى؛ تىنچلىق باسقۇچىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشىدۇر

 

دۇنيانىڭ مەيلى قانداقلا يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي تىنچلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن قېيىن. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق باسقۇچىنى ھەر دائىم قايتىدىن باشقا قايتۇرىۋېتىش خەۋپىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىكنى تەلەپ قىلغان ئاۋام نۇقتىسىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ فىلىپپىندىكى بۇ باسقۇچنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئىنتايىن مۇھىم. فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتەنىڭ باڭساموروغا يېقىن بىر رايونلۇق ئىكەنلىكى، بالىلىق دەۋرىنى مۇشۇ رايوندا، مورولۇقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولۇشى تىنچلىق باسقۇچىغا نىسبەتەن مۇھىم پۇرسەتتۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىنچلىق باسقۇچىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن دۇتېرتەنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ باسقۇچنىڭ دائېشنىڭ قولى ئارقىلىق بۇزۇلماسلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم.

 

ئىنسانسپەرۋرەلىك ياردەملەر بىلەنلا كۇپا قىلماسلىقنىڭ زۆرۈرلىكى

 

500 يىلدىن بۇيان ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، بۇ يولدا ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن بۇ خەلقنىڭ ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەملەرگە ئېھتىياجى بارلىقىدا شەك يوق.  يۇقىرىدا تىلغا ئالغان زىيارىتىم جەريانىدا رايوندا 26 خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىدىن پەقەت تۈركىيەنىڭلا «ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم جەمئىيىتى "İHH"» نىڭ بارلىقىنى بىلگەن ئىدىم. رايونغا قارىتىلغان ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەر چوقۇم تېخىمۇ ئاشۇرۇلىشى لازىم.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئالدىنقى ماقالامدا ئېيتقانغا ئوخشاش[1] مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە باسقۇچىدا ئىسانپەرلىكتىنمۇ يۇقىرى ياردەمگە ئېھتىياجى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئۆز مەۋجۇتلۇقىلىرىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىشقا مەركەزلەشكەن بىر خەلقنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقالىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەجرىبىسىگە جىددىي ئېھتىياجى بار. سىياسىي سىستېما، دۆلەت ئورگانلىرى مالىيەسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، مەركەز بىيوكراتىيەسى، ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپى، سوت ئىشلىرى قاتارلىق ساھالەردە يېتىشكەن ئىنسانلار ۋە تەجرىبىلەرگە ئېھتىياجى بار. مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ خاتا باشقۇرۇش ۋە ئىتقىدارسىز كىشىلەر سەۋەبىدىن 500 يىللىق كۈرەشلىرىنىڭ نابۇت بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىن مورو مۇسۇلمانلىرىغا خالىسانە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يەلكىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىا شەك يوق. 

ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە سەھىيە ساھەسىدە، ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەستەھكەملىنىشىگە ئېھتىياجلىق قانۇن، ئورگان باشقۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە فاكۇلتېتلار ئېچىلىشى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشى نۇرغۇنلىغان مەسىلىللەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىجابىي ھەسسە قوشىدۇ.

 

تۈركىيەنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇشى

 

مورودىكى تىنچلىق مۇزاكىلىرىنى توغرا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇلغان ئىدى. بۇ كومىتېت سىرتىدا بىر كۆرەتكۈچىلەر ھەيئىتىمۇ شەكىللەندۈرۈلگەن ئىدى.

5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھەيئەتتىمۇ مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈركىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرسى ئورۇن ئالدى. «ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپرەۋرەلىك ياردەم جەمئىيىتى "İHH"» نامىدىن ھۇسەيىن ئورۇچ ئەپەندى ھەيئەت ئەزاسى بولدى. بۇ ھەيئەت تىنچلىق باسقۇچىغا ئالاقىدار كۆزىتىشلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە پۇقرالىرى ئانچە بىلىپ كەتمىسىمۇ، بىراق تارىخىي تەجرىبىلىرى، خەلقئارادىكى ھۆرمىتى بىلەن دۇنيا تىنچلىقىغا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرسى تۈركىيە ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە قوشىدىغان ھەسسىلەر بىۋاسىتە دۆلەت تەرىپدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇددى فىلىپپىندە بولغانغا ئوخشاش ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئارقىلىقمۇ ھەمدە ئۇنىۋرېرسىتېتلار ئارقىلىقمۇ ئىشا ئاشالايدۇ.

مورودىكى 500 يىللىق كۈرەش نەتىجىسىدە بۈگۈن يېتىپ كېلىنگەن بۇ نۇقتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەممەيلەننى زىيانغا ئىتتىرگەن توقۇنۇش مۇھىتىنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇپ قويۇلىشى، رېفېراندۇم نەتىجىسىنىڭ مورو مۇسۇلمانلىرى ۋە فىلىپپىن شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن خاتىرىجەملىك ئېلىپ كېلىشى، مورولۇق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەتىگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن نەزەر سالالىشى ئۈچۈن بۇ باسقۇچنىڭ داۋاملىشىشغا ھەمىمىز تەڭ ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.

يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «پارلاق كۈنلىرىگە يۈزلەنگەن مورو مۇسۇلمانلىرى» تېمىلىق ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەير خوش!

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر