قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشىمۇ؟ - 2

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 05

قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشىمۇ؟ - 2

قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشىمۇ؟ - 2

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 201905

قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشىمۇ؟ - 2

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشىمۇ؟» تېمىلىق ئانالىزىنىڭ 2 - بۆلىمىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

 

ئالدىنقى ھەپتە قىممەت قاراشلار ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ۋە پىرىنسىپاللىق، مەرتلىك، پەزىلەت، ئورتاقلىشىش، ئادالەت دېگەنگە ئوخشاش تېرمىنلەرنىڭ گويا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بىر دەۋرگە قەدەم قويىۋاتقانلىقىمىز ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ دەۋرەنى «قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشى» (the end of values) دەپ ئاتاشنىڭ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. مۇنداقلا بىر قاراش بىلەن دۇنيادا قىممەت قاراشلارنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە قىممەت قاراش نۇقتىسىدىن ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. قېنى ئەمىسە ئانالىزىمىنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرايلى!

***** ** ** ** **** ***

 

ئامېرىكا

ئامېرىكا؛ تېخى يېقىنغىچە «ئارزۇلۇق ئامېرىكا»(american dream)  دەپمۇ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىدى. ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن دۆلەتلەردە مودا ئىدى. بىراق بۈگۈن ئەگەر بىر راي سىناش ئېلىپ بېرىلسا، ئامېرىكىغا بولغان قاراشلارنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدا گەپ يوق.

مانا ھازىر لاتىن ئامېرىكىلىق ئاران 6000 مىڭ پاناھلانغۇچى قانچىلىغان ئايدىن بۇيان ئامېرىكا چېگراسىدا ساقلاپ ياتماقتا. بىر تەرەپتە تۈركىيە، لىۋان، ئىيۇردانىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بەزىدە بىر كىچىدىلا بۇنۇڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ كۈچ بولغان بىر دۆلەت، ئۆز چېگراسىدا ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچى ساقلىتىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالماقتا. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تەرىپى، دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرسىنىڭ ياۋروپادا ئۆرۈپ تاشلانغان بېرلىن تېمىغا ئوخشاش بىر تامنى چېگرا بويىغا سوقماقچى بولۇۋاتقانلىقىدۇر. ۋەھالەنكى قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان بۇنچە چېقىملار پاناھلانغۇچى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنسا، بەلكى تېخىمۇ ئاز ئىقتىساد كەتكەن بولاتتى.

نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇنلۇق ئاساسى بولۇشنىڭ قىلچە غېمىنى يەپ يۈرمەستىن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگىلا قاراپ، «بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا»، «ئامېرىكىنى قايتىدىن زورايتىڭلار» دېگەن شوئارلار بىلەن پۈتۈن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەردىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشالايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق كېلىمات ئىسسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان پارىژ كېلىمات ئەھدىنامىسىدىن، شۇنداقلا ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن كۈلتۈر تەشكىلاتى «UNESCO» دىن چېكىنىش قارارلىرى پۈتۈن دۇنيادا ئەندىشە ياراتماقتا.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدا «بىز يەرشارىلىشىش ئىددىيەسىگە قارشىمىز» دېگەن سۆزى، بەك ئۇزۇن ئەمەس، تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىگە قەدەر 3دۇنيا رەھبىرى ياكى ئىدىلوگىيەسى تەرىپىدىن دېگىلى بولىدىغان سۆز ئەمەس ئىدى. بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۇنداق گەپنى قىلىشىنى تەسەۋۋۇرغىمۇ سىغدۇرغىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەھۋالى، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك دېگەندەك قىممەت قاراشلىرىنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان، بىراق ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كەلمىگەندە، ئىنجىل ئايەتلىرىنىمۇ باشقىچە ئىزاھلايدىغان غەرب مەدەنىيىتى تارىخىدىن ھېچ قانچە پەرقلەنمەيدۇ.

خىتاي ۋە رۇسىيە

خىتاي ۋە رۇسىيە ئۆلچەملەرنى بېكىتكەن، ئورتاق يەر شارى خاراكتېرلىق قىممەت قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىغان دۆلەتلەر قاتارىدا ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتاي تىز تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ھەر ئىككى دۆلەت دۇنيا سىياسىتىدە تەسىرى كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋېتو (رەت قىلىش) ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەردۇر.

بىراق بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئوچۇق جەمئىيەت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىچكى سىياسىتىدىكى ئىجرائاتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىنمەي كەلمەكتە.

 

ئىسلام دۇنياسى

مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان يەشارى خاراكترلىق ئۆلچەم بېكىتىدىغان، ئورتاق ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلارنى يارىتىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالماي كەلمەكتە. ئۆزلىرىنى سىكۇلار، دىكتاتور ۋە ياكى شەرىئەت دۆلىتى دېگەندەك قانداق ئىسىملار بىلەن تەرىپلىسە تەرىپلىسۇن. بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر بۇ دۆلەتلەر دېموكراتىك، ھاكىم مۇتلەقلىق ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەت شەكىللىرىنىڭ بىرىگە ماس كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرققە قارايدىغان بولساق، باشقۇرغۇچىلار باشقۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ رازىلىقىغا ھېچ قانداق ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ. ھاكمىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئۆز خەلقىگە ئەمەس، دۇنياۋى ئاكتىيورلارغا قەزداردۇر. دۇنياۋى چوڭ ئاكتىيورلارمۇ بۇ ئەھۋالنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئوچۇق ئېغىزغا ئالالايدۇ. گەرچە بۇ ئەھۋالنىڭ بىردىن بىر جاۋابكارى ئۆزلىرى بولمىسىمۇ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى تارىخىنىڭ بەلكى ئەڭ ئىچىنىشلىق مۇھىتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ خەلقلىرى، جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ دۆلەتلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. 

قىسقارتپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىرەرە قىممەت قاراش ياكى پەزىلەت يارىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، گويا بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى خەلقلىرىگە قارشى ئۆز ھاكمىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ھۆكۈمرانلىقلىرىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىپ يۈرمەكتە.

 

ئىلغار ئەقىلنىڭ ئاقىۋىتى؛ فىرېنكېشتايندىن سۇنئىي ئەقىل

ئەنگىلىز ئايال يازغۇچى مارى شېللېي 1818يىلىدا ئەمدى تېخى 19 ياشقا قەدەم قويغىنىدا يازغان «فىرېنكېشتاين» ناملىق ئەسىرى يالغۇز بىر رومان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئەنئەنە، دىن ۋە باشقا ئوتتۇرا ئېقىملاردىن چىقىپ كەتكەن، ئاقارتىش ھەرىكىتىگە، سىكۇلارىزمغا ۋە پوزىتىۋىزمنىڭ قۇرغۇچى رىئالىزمىغا تەسلىم بولغان بىر ئەقىلنىڭ يېتىپ بارىدىغان ئاخىرىقى ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاقارتىش ھەرىكىتى ئاساسىدىكى ئەقىلچىلىق سۇنئىي ئەقىل ۋە سۇنئىي ئىنسان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ھېچ بىر قىممەت قاراشنى تونۇمايدىغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەقلىنىڭ 1ۋە 2دۇنيا ئۇرۇشىدا يەر شارىمىز بىلەن ئىنسانىيەتنى قانداق ھالاكەتكە سورىگەنلىكىگە پۈتۈن ئىنسانىيەت شاھىد بولدى. بارلىق قىممەت قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلىغان، پەقەتلا ماشىنىلاشقان بىر كۈچكە ۋە تەرەققىياتقا سەزگۈر ھەمدە بىئولوگىيەلىك ئىنسانلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك، كونترول قىلغىلى بولىدىغان، سۇنئىي ئەقىلگە ئىگە بىر ئىنسانىيەت دۇنياسى، دۇنيامىزنى زادى قەيەرگە سۆرىمەكچى؟ ئادىمىيلىكنىڭ ئاخىرىلىشىشىنى باشقا جانلىقلار ئەمەس، دەل ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

 

راھەتپەرەس ئىنسان

ئاقارتىش ھەرىكىتى، سىكۇلارىزم، ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر، ئۈمىت باغلانغان ئىدىئولگىيە، دىن ۋە ئورگانلارنىڭ بارغانچە ئۈمىت بولۇشتىن قۇرۇق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنساننىڭ تېخىمۇ بەك راھەتپەرەس بولۇپ كېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئاساسەن دېگۈدەك ياشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا پەقەتلا ھەۋەسلىرىنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرۈپ يورىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا.  ئائىلىسى، دوستلىرى، مەكتىپى، جەميئىەت، سودا سانائەت دۇنياسى، تەبىئەت، ھايۋاناتلار ۋە باشقا جانلىقلار بىلەن پەقەت ھەۋەس، كۆڭۈل خۇشاللىقى ئۈچۈنلا مۇناسىۋەت قۇرىدىغان ئىنسانلار تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان پاجىئەلەر ھازىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق تەلەتىنى كۆرسەتمەكتە. ھېچ بىر قىممەت قاراشقا ئىگە بولمىغان پەقەتلا كۆڭۈل خۇشاللىقىنىڭ ئارقىدىن يۈگرەيدىغان بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قىلىش، ھەر ھالدا ئىنساندىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قىلىش بولسا كېرەك.

بۇ تىلغا ئېلىنغانلارنى بويلىغان ھالدا دۆلەتلەر ۋە ئورگانلار نۇقتىىسدىنمۇ قىممەت قاراشلانىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەلەبىي ئىشلارغا قارىماستىن، بەزى كاتتا زاتلارنىڭ، بۈيۈك ئىدىئولگىيەلەرنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەت ياكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا، بىرەر قىممەت قاراشنىڭ غىمىنى يەيدىغانلارنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. 

توغرا تەشكىلاتلانمىغان شەخسلەر تېخىمۇ بەك قىممەت قاراشقا ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن. قىممەت قاراشلارغا تېخىمۇ بەك ئىگە چىقىش كۈچى نۇقتىسىدا، تەشكىلاتسىز ھەرىكەتلەردىن ئۈمىت كۈتۈشكە بولىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ دۇنيانى ئەڭ كۆپ تەشكىللىك ئورگانلارنىڭ شەكىللەندۈردىغانلىقىنى بىلىش بېزنى ئۈمىدكە بەك بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

چوڭ ئىنسانىيەت ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، «قىممەت قاراشلارنىڭ ئاخىرىلىشىشى»نى توسۇپ قىلىشقا يېڭى بىر يول تاپمىساق، ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە تەييارلاۋاتقان ئازابلىق ئاقىۋەتكە يۈزلىنىشىمىز ئېنىق.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر