سۈمەلا موناستىرنى كۆرۈشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/05

سۈمەلا موناستىرنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
سۈمەلا ماناستىرى كۆرۈشنى خالامسىز؟
سۈمەلا ماناستىرى كۆرۈشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/05

 

سۈمەلا ماناستىرىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟

 

 

 قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سۈمەلا موناستىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

*****

تۈركىيەنىڭ شەرقىي قارا دېڭىز رايونىدا، قاراتاغنىڭ ئېتەكلىرىدىكى تىك قىيالىقلاردا ئاجايىپ كۆركەم بىرموناستىر بار، ئۇ بولسىمۇ سۈمەلا موناستىرىدۇر.

1700 يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە بۇ ماناستىر دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيىتى يۇقىرى موناستىرلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

رىۋايەتلەرگە كۆرە، سۈمەلا موناستىرى مىلادى 3ئەسىردە، يەنى ۋىزانتىيە دەۋرىدە ئافىنادىن كەلگەن ئىككى پوپ تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ شۆھرىتى يۈكسەلگەن ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر خىل كىرىملەر بىلەن تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن، بولۇپمۇ 13ئەسىردە پەۋقۇلئاددە كېڭەيتىلىپ، يېڭى بۆلۈملەر قوشۇلغان.

شەرقىي قارا دېڭىز ساھىللىرى تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئوسمانلى پادىشاھلىرى باشقا نۇرغۇن موناستىرلارغا ئوخشاش سۈمەلا موناستىرىنىڭ ھەق ھوقۇقىنىمۇ قوغدىغان ۋە بەزى ئىمتىيازلارنى بەرگەن.

18ئەسىردە ماناستىرنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرى يىڭىلانغان، بەزى تاملىرى تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن. 19ئەسىردە چوڭ بىنالارنىڭ قوشۇمچە قىلىنىشى ئارقىلىق موناستىر ئاجايىپ كۆركەم تۈس ئېلىپ ئەڭ پارلاق دەۋرىگە قەدەم قويغان. 1916يىلى باشلانغان ۋە ئىككى يىل داۋاملاشقان رۇسىيە ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە، ماناستىر موناستىرە قىلىنغان ۋە 1923يىلىدىن كېيىن پۈتۈنلەي بىكارلانغان ئىدى.

**** **** **** ****

سۈمەلا موناستىرى يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان مۇھىم دىنىي مەركەز بولۇپ كەلگەن. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پوپ راھىپلارنى يېتىشتۇرۈش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. سۈمەلا موناستىرىنىڭ ئاساسلىق بۆلۈملىرى، ئانا كايا چېركاۋى، بىر قانچە كىچىك ئىبادەتخانا، ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، مېھمانخانا، كۇتۇپخانا ۋە مۇقەددەس بۇلاق قاتالىقلاردۇر. چېركاۋ ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش سېلىنغان كىچىك ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرى تام رەسىملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، تام رەسىملىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى، ئىنجىلدىكى ھېكايىلەردىن ئېلىنغان سەھنىلەر، ئىسا پەيغەمبەر ۋە مەريەم ئانىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن تەركىپ تاپقان.

****** *****

خەلق ئارىسىدا مەريەم ئانا موناستىرى دەپمۇ بىلىنىدىغان سۈمەلا ماناستىرى ترابزوننىڭ ماچكا ناھىيەسى ئىچىدە، ۋادىدىن تەخمىنەن 300 مېتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان.

موناستىردا 2010يىلى فەنەر رۇم پاترىكخانىسى تەرىپىدىن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

خىرىستىيانلار تەرىپىدىنمۇ مۇقەددەس دەپ بىلىنىدىغان سۈمەلا موناستىرى ھەر يىلى مىڭلىغان كىشى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدۇ. يۈزلىگەن يىللارنىڭ ئىزلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بۇ ماناستىرنى كۆرۈش ئۈچۈن رايونغا بارغىنىڭىزدا، يەنە شۇ ۋىلايەتنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر بولغان ئاتاقلىق ئۇزۇن كۆلىنى، ترابزون ئاياسوفيا مۇزېيىنى ۋە ئاتاتۈرك سارىيىنىمۇ زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

يەرلىك تاماقلىرىدىن ئاقچابات قىيمىلىق تاۋا كاۋاپى، سېرىق ياغ بىلەن پىشۇرۇلغان بېلىق، قوناق ئۇنى ۋە يېزا ئېرىمچىكلىرى بىلەن تەييارلانغان قۇيماقلىرىنى تېتىپ بېقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر