خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش سىياسىتى ۋە تەيۋەننىڭ ئىنكاسى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش سىياسىتى ۋە تەيۋەننىڭ ئىنكاسى

خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش سىياسىتى ۋە تەيۋەننىڭ ئىنكاسى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە تىنچ يول بىلەن بىرلىشىش تەكلىپىنى بېرىشىنىڭ 40-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خوڭكوڭدا يولغا قويۇلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش سىستېمىسىنىمۇ تەيۋەندە يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى داۋاملاشسا كۈچ ئىشلەتمەيدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرەلمەيمىز، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز، تەيۋەن بىلەن بىرلىشىش پىلانىمىزغا ھېچقانداق كۈچ توسالغۇ بولالمايدۇ، دېدى. شى جىنپىڭ يەنە بۇ ئىشنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 شى جىنپىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي بىرلەشكەندىن كېيىن خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تەيۋەننىڭ تۇرمۇش شەكلى، ئىجتىمائىي تۈزۈم، شەخسىي مۈلۈكلەر، دىنى ئېتىقادلار، قانۇنىي ھوقۇقلارغا  ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەيۋەن بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىگىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شى جىنىپڭنىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ئارقىلىق  بىرلىشىش چاقىرىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن، تەيۋەننىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇ تۈزۈمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  ئۇ يەنە 1992-يىلى« بىر خىتاي » مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ خىتاينىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش پىرىنسىپى ئىدىيەسىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەيۋەننىڭ سىياسىي سالاھيىتى خوڭكوڭدىن پەرقلىق تۇرۇپ شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن تەيۋەننى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ۋاستىسى ئارقىلىق  بىرلىشىشگە چاقىرىق قىلىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا مۇزاكىرىلىرىدىن ئىلگىرى تەيۋەننى بىرلىشىشكە چاقىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش تۈزۈمى تەيۋەننىڭ ئەمەلىي شارائىتىگە ماس كېلەمدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر