يەمەنلىك مەرۋە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 02

يەمەنلىك مەرۋە

يەمەنلىك مەرۋە

 

يەمەنلىك مەرۋە

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «يەمەنلىك مەرۋە» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

بىز بەزىدە دۈچ كەلگەن كىچچىككىنە مەسىلىلەرنى شۇنداق چوڭايتىپ كېتىمىزمىزكى، پەقەت ئەشۇ مەسىلىنىڭ پەنجىرىىسدىنلا قاراپ ھاياتنى ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزغا ۋە دۆلىتىمىزگە نىسبەتەنمۇ چېدىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىۋالىمىز. بۇنداق ئەھۋاللاردا بىر ئاز مەسىلىلەرنىڭ سىرتىغىمۇ قاراش ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتكە سىرتتىن نەزەر سېلىش تېخىمۇ ياخشى باھا بېرەلىشىمىزگە ھەسسە قوشۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بۇ دائىرىدە تۆۋەندىكى ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن ھېكايىنى تۈركىيەنىڭ سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۈش ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

تۈركىيە باشتىن كەچۈرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرگە قارىماستىن، بارغانچە يۈكسىلىۋاتقان نىسبىتى بىلەن بىر مائارىپ بازىسىغا ئايلانماقتا. مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە، تۈركىيە باشقا دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە بولسا، تۈركىيەدە 150 مىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى تۈركچە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى تاپماقچى بولماقتا. مۇنداقلا بىر جۈمە بىلەن ئېيتىلغاندا سانلار ھەقىقەتنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ۋەھالەنكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى ئايرىم بىر دەرت، ھىجران، تىرىشچانلىق، ئۈمىت ۋە ئىزدىنىشكە تولغان ھېكايىدۇر. تۈركىيەنىڭ بۇ ياشلارغا نىسبەتەن قانداق ئۈمىت ۋە ھاياجان ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆسىتىپ بېرىش نۇقىسىدىن ئەشۇ ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەتلا بىرسى بولغان يەمەنلىك مەرۋەنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. 

يەمەن؛ قىزىل دېڭىز، ئەدەن قولتۇقى ۋە ئوممان دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان شۇنداقلا ئىتىراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن تارىخنىڭ بارلىق دەۋرلىرىدە ئازاب ئوقۇبەتلەرگە دۈچ كەلگەن بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ مەككە ۋە مەدىنىنى قوغداش شۇ يەردىن باشلىنىدىغان بولغاچقا ئۇيەرنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ شېھىت بەرگەن بىر دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. چاناققەلئە بىلەن تەڭ، بەلكى باغرى يانغان مىللىتىمىز ئەڭ كۆپ مەرسىيەلەرنى ئوقۇغان، يۈرىكى ئەڭ كۆپ تىترىگەن يەردۇر. تېخى 15 ياشقىمۇ تولغان قىزلىرىمىز يوللىرىغا قاراپ كۆز يېشى تۆككەن بىر دۆلەتتۇر. داستانلىرىمىزنىڭ ۋە دەرت پىغانلىرىمىزنىڭ قانچىلىغان نەسىللەر بويىچە يۈرەكلىرىمىزگە ئويىۋەتكەن ئۆچمەس ئىزنالىرى بەلكى يەمەن ئۈچۈن پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا چاناققەلئە بىلەن يەمەن قەلب تارىلىرىمىزنى ھەر دائىم باشقىچە تىترىتىپ كەلمەكتە. 

مەرۋەمۇ ئەنە شۇ دۆلەتتىن، يەمەننىڭ پايتەختى سانا شەھىرىدىن، ھەر بىر ياشقا ئوخشاش ئۆز كەلگۈسىنى ئىزدەۋاتقان پەيتتە، 2014يىلى يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش ئۇنىڭ كەلگۈسىنى زۈلمەتكە تولدۇرۇشقا باشلايدۇ. ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى بولغانلار قوراللىق بولۇپ، ئادىمىيلىق ئۇنتۇلغان، نە ياشلار، نە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەسكە ئېلىنمايدىغان ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ.  

2015يىلى دۆلىتىنى باسقان زۈلمەتلىك مالىمانچىلىق ئىچىدىن كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىدا، مەرۋەنىڭ يولىنى يورىتىدىغان بىر ئۈمىت نۇرى پارلايدۇ. تۈركىيە سىرتىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇش تەكلىپنامىسنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ «Fulbright»، گېرمانىيەنىڭ «Daad» ۋە ئەنگلىيەنىڭ «Chevening» ئوقۇش ياردەم پۇللىرى يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن توختىلغان بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇللىرىنى توختاتماسلىقى مەرۋە بىلەن بىرگە 150 نەپەر يەمەنلىك ئوقۇغۇچىغا ئۈمىت ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن بىردىن بىر چىقىش يولى بولۇپ قالىدۇ.

تۈركىيەگە بېرىش، ئوقۇشىنى تاماملاپ، مەملىكىتىگە قايتىپ، بېتاپ بولغان دۆلىتىگە داۋا بولۇش ئارزۇلىرىغا چۆمىلىدۇ. بىر تەرەپتە ئۇلۇغۋار ئۈمىتلىرى يەنە بىر تەرەپتە ئاچچىق ھەقىقەتلەر. دۆلىتىدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەەۋبىدىن سانادىكى ئەلچىخانىلار تاقىلىپ كەتكەن. كۆپىنچى ئەلچىخانىلار جىددىگە يۆتكىلىپ كەتكەن، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئايروپىلان قاتناشلىرىمۇ توختاپ كەتكەن ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ. تۈركىيەگە بارالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋىزا ئالالىشى لازىم. بۇنىڭ بىرلا چارىسى جىددىگە يۆتكەلگەن تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا قۇرۇغلۇق بىلەن يېتىپ بېرىش ئىدى. بىراق تۇقۇنۇشتىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى يوللاردا داۋاملىشىۋاتقان بومباردىمان، ئېتىشىشلار ۋە تەكشۈرۈش پونتىكىلىرى ئارىسىدىن ساق سالامەت ئۆتۈپ سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەستەك ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا يېتىپ بارغان تەقدىردىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېرەلىشىنىڭ ھېچ بىر كاپالىتى يوق ئىدى. چارىسىزلىك ئىچىدىن چارە ئىزدەشكە باشلىغان ياشلار ئاخىرى سانادا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، جىددەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. بىراق ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن پاسپورتلىرىنى جىددىگە يەتكۈزۈشتىن باشقا چارە قالمايدۇ. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ھەممەيلەننىڭ پاسپورتىنى توپلاپ جىددىگە بېرىشقا تەييار بولىدۇ. ياشلار چوڭ ئۈمىت بىلەن پاسپورتلىرىنى توپلايدۇ. بىراق ئۈمىتلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چۇنكى ئۇ ياش بومباردىمانلار ئارىسىدىن ساق سالامەت ئۆتۈپ جىددىگە يېتىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي ۋاز كېچىدۇ. بارلىق ئۈمىتلەر ئۆچكەن ئەشۇنداق زۇلمەتلىك بىر پەيتتە، «كىم بار؟» دېيىلگىنىدە ئوڭ سولىغا قارىماستىن «مانا مەن بار!» دېيەلەيدىغان بىر ئاڭ بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. توپلانغان پاسپورتلارنى جىددىگە ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

**** ***** ***** ** **

مەرۋەنىڭ بۇ قارارىدىن ئائىلىسى قاتتىق ئەندىشىگە چۈشىدۇ. نىيىتىدىن ياندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەك بارىمەن دەپ تۇرىۋالسا، خەۋپى ئازراق بولسۇن ئۈچۈن يالغۇز ئۆزىنىڭلا پاسپورتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق مەرۋە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىكشەن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن قارارىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ.  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىلىرى تىز ھەرىكەت قىلىپ، 90 پاسپورتنى توپلايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمايدۇ. قالغان بىر قىسمى مەرۋەنىڭ بۇ سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىغان تەقدىردىمۇ بۇنچە پاسپورتلارنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرەلىشىگە كۆزى يەتمەن پاسپورتلىرىنى بەرمەيدۇ. تۈركىيە باش ئەلچىسى فازلى چورمان مەرۋەنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق خوشاللانغانلىقىنى، بىراق بۇ ئىشىنىڭ نەقەدەر خىيىم - خەتىرى بارلىقىنى قايتا قايتا چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈلگەن تەقدىردە يېنىدىن ئۇنچە كۆپ پاسپورتنىڭ چىقىشى ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل خەۋپلەرگە قارىتا مەرۋەنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ پاسپورتىنى توپلاپ ۋىزا ئېلىشقا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە ئەلچىخانىسى نامىدىن مەكتۇپ يوللاپ بېرلەدەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ مەرۋە ئائىلىسىنىڭ ۋە باشقا ئوقۇغچلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئىككى كۈن بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ. ئالغان دۇئالارنىڭ بەركىتى بىلەن يول بويىچە بىرەر توقۇنۇشنىڭ ئارىسىدا قالمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتىدۇ. يەمەننىڭ كۈلتۈرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىز ئوقۇغۇچى ئانچە ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلمەيدۇ. ئەتىگەن سائەت 10 ئەتراپىدا يەمەن تاموژنىىسغا يېتىپ كېلىدۇ. بىراق ئالدىدا ئىنتايىن ئۇزۇن ئۆچرەتنى كۆرىدۇ. ئەگەر بۇ ئۆچرەتنى ساقلىسا شۇ كۈنى ئۇنىڭغا نۆۋەت كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ دەرھال يەمەن تامۇژنا مەسئۇللىرىغا دەردىنى ئېيتىپ ئاران دېگەندە تامۇژنىدىن ئۆتىدۇ. يەلكىسىدىكى سومىكىسى ۋە ئىچىدە 90 ئوقۇغۇچىنىڭ پاسپورتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تامۇژنىسىغا پىيادە مېڭىپ كىرمەچى بولىدۇ. 

«مەھرەمسىز كېرەلمەيسەن» دېگەن سادا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تامۇژنىسىدا ئىشلىرى تەسلىشىدۇ. تامۇژنا خادىملىرى مەرۋەنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاچچىقلاپ ھېچ قانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقلىرىنى، ئەتىسى قايتا كېلىشىنى تاپىلايدۇ. چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالغۇز بىر قىز نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ مەرۋە دەرھال تۈركىيە باش ئەلچىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. ئەلچىلىك مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بىر فاكس يوللاپ بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار قىزنىڭ يېنىدا دادىسى، ئاكىسى، قېرىندىشى ياكى يولدىشى بولماي تۇرۇپ، يەنى مەھرەمسىز ھالدا سەئۇدى ئەربىساتغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەرۋە ھەج ئۈچۈن بارمايدىغانلىقىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىساندا 3 كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدىغانلىقىنى، ۋىزا ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپلا تىزدىن يەمەنگە قايتمىسا بولمايدىغانلىقىنى قانچىلغان قېتىم چۈشەندۈرۈپمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمايدۇ. 9 سائەتلىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن رەسمىيىتىگە مەھرەم سۈپىتىدە بىر ئەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىپ، ئاخىرى مەرۋەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىسانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرى مەرۋەنى ئاجايىپ خوشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن قارشى ئالىدۇ. 3 كۈنگىچە بېسىپ ئىشلەش ئارقىلىق پاسپورتلارنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى تاماملايدۇ. لېكىن مەرۋەگە نىسبەتەن قېيىنچىلىق بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىگەن ئىدى. چۈنكى قايتىش يولىمۇ خۇددى كېلىش يولىغا ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىدى. قايتىدىغان چاغدا ئولتۇرغان ئاپتوبۇسى بىر كۆۋرۈكتە پارتلاشتىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ئاران قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئاپتوبۇس يول ئارىسى ۋە چېغىر يوللاردىن مېڭىپ، بەزىدە ئۇزۇن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلاشلار نەتىجىسىدە ئاخىرى ساناغا يېتىپ بارىدۇ.

مەرۋە ھازىر يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم. ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز دۆلىتىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇشلىرىنى نەتىجىلىك داۋاملاشتۇرماقتا. 

مەن بۇ ھېكايىنى ئۆزلىرى ھاقارەت قىلىش دەرىجىسىدە تەنقىدلەرنى قىلغاندا ھېچ ئىش بولمايدىغان، ئەدەپسىزلىكلىرى تۈپەيلى جازالاشقىمۇ ھەقلىق بولۇپ قالغان تۇرۇغلۇق كىچىكىنە بىر تەنقىدنى كۆتۈرەلمەي، «ۋاي! بۇ دۆلەت ئەمدى ياشىغى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى» دەپ ۋايسايدىغانلارغا بېغىشلايمەن. 

يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «يەمەنلىك مەرۋە» تېمىلىق ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەي خوش!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر