سىزچە تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى قانچە يۈز مىليون يىلدا ھاسىل بولغان؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى» تېمىلىق ئۇچۇرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

سىزچە تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى قانچە يۈز مىليون يىلدا ھاسىل بولغان؟

سىزچە تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى قانچە يۈز مىليون يىلدا ھاسىل بولغان؟

تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ 600 مىليون يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

گېئومورفولوگىيەلىك جەريانلار ۋە بۇلار ھاسىل قىلغان شەكىللەر نۇقتىسىدىن تۈركىيە ھەقىقىي مەنىدىكى بىر موزايكادۇر. تۈركىيە، خىلمۇخىل ۋە ھەر ياشتىكى قاتلام شەكىللىرىگە ئىگە بولۇپ، ئېگىز ۋە تاغلىق بىر دۆلەتتۇر. شىمال ۋە جەنۇب تەرىپى ئومۇمەن ساھىللارغا پاراللېل ئېگىز تاغ تىزمىلىرى بىلەن قورشالغاندۇر. شىمال ئانادولۇ تاغلىرى، جەنۇبتا بولسا، توروسلار، تۈركىيەنىڭ ئېگىزلىك خاراكتېرىنى بەلگىلىمەكتە.

شىمالىي ئانادولۇ تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى كاچكار تۆپىلىكىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا ئىلگاز ۋە كۆرئوغلۇ تاغلىرى ئورۇن ئالىدۇ.

تۈركىيەدە تاغلار بىلەن بىرلىكتە ۋادىلار، دېڭىز ساھىللىرى ۋە ئويمانلىقلارمۇ كۆپتۇر. شىمال ۋە جەنۇبتىكى تاغلارنى ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىكلەر بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانى بويىچە «تۈركىيەنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

 

مەنبە:

  • تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نەشرى ئەفكارلىرى

خەتكۈچ: تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر