كاپادوكيا

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/02

كاپادوكيا
گۈزەل كاپادوكيا مەنزىرىلىرى...
گۈزەل كاپادوكيا مەنزىرىلىرى...

ساياھەت ماكانى كاپادوكيا...

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/02

كاپادوكيا

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرگە كاپادوكيانى تونۇشتۇرىمىز.

*****

ئوتتۇرا ئانادولۇدىكى گۆرەمە، ئۈرگۈپ، ئاۋانوس، دەرىنكۇيۇ، قايماقلى، ئىھلارا ۋە بۇلارنىڭ ئەتراپى كاپادوكيانىڭ تەڭداشسىز ساياھەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ.

كاپادوكيانىڭ تارىخى تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەت بولۇپ، مىڭلىغان يىللارغا تۇتىشىدۇ. مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئانادولۇدىكى تاغلار ئاكتىپ يانار تاغلىرى ئىدى. يانار تاغدىن ئېقىپ چىققان ۋولقانلار رايوندا ئوخشاش بولمىغان قاتتىقلىققا ئىگە چوقىلارنى پەيدا قىلغان.  مىڭلىغان يىللارغىچە يامغۇر، سەل ۋە بورانلار بۇ چوقىلارنى «پەرى باجىلار» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ھازىرقى تەڭداشسىز تەبىئىي شەكىللەرگە كىرگۈزگەن.

*****

كاپادوكيا تارىخ بويىچە ئاسۇرلىلار، ھىتىتلار ۋە پارىسلارغا ساھىبخانلىق قىلغان. بىر مەزگىل رىم ئىمپېرىيەسىنىڭمۇ ھاكىمىيتى ئاستىغا ئۆتكەن. رايوندا بۇ بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ۋە سەلچۇقىيلار بىلەن ئوسمانلىغا تەۋە يادىكارلىقلارنىمۇ كۆرەلەيسىز. 

ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يۇنېسكونىڭ ھەم مەدەنىي، ھەم تەبىئەت مىراسى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان گۆرەمە دۆلەتلىك باغچىسىدا بولسا، ئاجايىپ كۆركەم «پەرى باجىلار» دىن باشقا يەنە، رايوندا پاناھلانغان خىرىستىيانلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى ۋە چىركاۋلىرىنى سەيلە قىلالايسىز.

كاپادوكيادىكى گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ۋادىلار، ئادەمنى ھاڭ تاڭ قالدۇرىدىغان يەر ئاستى شەھەرلەر، قەلئەلەر، چىركاۋلار، جامىلەر ۋە ساپال قاچا ئۇستىلىرى چوقۇم زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك يەرلەر ھېسابلىنىدۇ. 

******

تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا شۇڭغۇش، پەرى باجىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋادىلارنى سەيلە قىلىش، ئۆتمۈشنىڭ ياردىكارلىقلىرىنى تەقىپ قىلىپ، گويا سىھىرگە چۆمۈلۈش ئۈچۈن كاپادوكيانى چوقۇم ساياھەت تىزىملىكىڭىزگە كىرگۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ.

ئەگەر ئەستىن چىقمايدىغان بىر ساياھەت بولۇشىنى خالىسىڭىز رايوننى ھاۋادىن سەيلە قىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن يەلكەنسىمان پاراشوت ساياھىتىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قازان كاۋىپى، كوزا كاۋىپى، گۈل قۇيمىقى، توي شورپىسى ۋە ئاسىدە تاتلىق تۇرۇملىرىنى تېتىپ باقماستىن كاپادوكيادىن كېتىپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمىز.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا كاپادوكيانى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.


خەتكۈچ: كاپادوكيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر