تارىختىكى بۈگۈن: 05.01.2019

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تارىختىكى بۈگۈن: 05.01.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 5  - يانۋار.

1807يىلى ئوسمانلى ۋە بۈيۈك بىراتانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرىلاشتۇرغان قەلئەئى سۇلتانىيە كېلىشىمى 1809يىلى 5يانۋاردا، يەنى بۈگۈن ئىمزالانغان ئىدى.

1889يىلى 5يانۋاردا گېرمانىيەلىك فىزىكا ئالىمى مارتىن بىرېندېل ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە قاتلاملىرىنى، يەنى پۇراق سىزىملىرىنى تۈنجى قېتىم رەسىمگە تارتقان ئىدى.

1922يىلى 5يانۋاردا، ئانادولۇدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي مۇجادىلە دائىرىسىدە، ئادانا ئىشغالىيەتتىن قۇتقۇزۇلغان ئىدى.

1883يىلى تۈرك، ئىنگىلىز ۋە فىرانسىز ئورتاق مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان، كېيىنچە گىېرمانىيە بانكىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئانادولۇ باغدات مەرسىن تارسۇس تۆمۈر يوللىرى 1929يىلى 5يانۋاردا يەنى، بۈگۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ دۆلەتكە تەۋە قىلىنغان ئىدى. 

دېڭىزلىدا ئاجىپايامدا پادىچىلىق قىلىۋاتقان پەيتتە بىر ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن زېرەكلىكى بايقالغان، دەسلەپتە تۈركىيەدە ئاندىن بوستوندا ئوقۇپ ئىلىم پەن تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ھۇسەيىن يىلمازنىڭ «ئۆمۇمىي قوشۇمچە ئۈستىدە يېڭى نەزىرىيە» ناملىق تەتقىقات ئەسىرى 1959يىلى 5يانۋاردا دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنېلى «Physical Review» دە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

1993يىلى 5يانۋاردا ئىستانبۇل ئارخىئولوگىيە مۇزىيى ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن ھەر يىلى بېرىلىدىغان «يىلنىڭ ئەڭ ئىلغار مۇزىيى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا تارىختىكى بۈگۈن ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر