تارىختىكى بۈگۈن: 4 - يانۋار

تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە قانداق چوڭ ياكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق بۇ سەھىپىمىزنى زىيارەت قىلىڭ...

تارىختىكى بۈگۈن: 4 - يانۋار
  • 1885-يىلى 4-يانۋار دوكتور ۋىليام ۋېست گرەند ئامېرىكانىڭ لوۋا ئىشتاتىنىڭ داۋېنپورت شەھىرىدە تۇنجى قېتىم سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى قىلدى.
  •  1967-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدىن چىقىرىلغان خام نېفىتنى ئىسكەندېرۇن بوغۇزىغا يەتكۈزىدىغان ئۇزۇنلۇقى 490 كىلومېتىر كېلىدىغان باتمان-ئىسكەندېرۇن نېفىت تۇرۇبا يولى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
  • 1969-يىلى ھەر تۈرلۈك ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كېلىشىم ئىمزالاندى. تۈركىيە مەزكۇر كېلىشىمنى 2001-يىلى ئىمزالىدى.
  • ئىچىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىلىنىدىغان، ترويا شەھىرىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، فىلىملەرنىڭ باش تېمىسى بولغان ترۇۋا ئېتىغا ئوخشايدىغان، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بىر ئات ھەيكەل ياسالدى ۋە 1976-يىلى 4-يانۋار چاناققەلئەدىكى قەدىمكى ترۇۋا شەھىرىدە زىيارەتكە ئېچىۋېتىلدى.
  • 1986-يىلى 4-يانۋار ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى.
  • 2010-يىلى 4-يانۋار دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا دەپ ئېتىراپ قىلىنغان «بۇرچ خەلىفە» نىڭ قۇرۇلۇشى پۈتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر