تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 01

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 201901

تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتى «SETA» تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

 

***** ** ** ** **** ***

 

يېقىنقى ئىككى ھەپىتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن باش قايدۇرغۇچ ۋەقەلەر 2019يىلىنىڭ تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن جىددىي خەۋپلەرگە شۇنداقلا ياخشى پۇرسەتلەرگىمۇ ئىگە بىر يىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ جەھەتتىن ھەم «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھەم «F35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى مەسلىسى ھەمدە سۈرىيەدە شەكىللىنىۋاتقان يېڭى دىنامىك كۈچلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 

تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق بىر تۆۋەنلەپ، بىر يۇقىرى ئۆرلەشلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە ي پ گ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پەرقلىق كىرىزىسلەرگە دۈچ كەلگەن مۇناسىۋەتلەر 2 ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىلگىرىلەشلەر بىلەن ئوخشاش بولمىغان بىر نۇقتىغا يېتىپ كەلدى.

دەسلەپتە «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىنىڭ 2019يىلىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسىگە ئايلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئېنىقسىزلارنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دەسلەپتە تېخنىكا ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنى بويلاپ بىر سودىلىشىش باسقۇچىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى مەلۇم. بىراق بۇ سېتىپ بېرىش قارارىنىڭ تۈركىيەنىڭ «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشىغا قارىتا ئامېرىكا تەرەپ بىرەر تەلەپتە بولامدۇ ياكى بولمامدۇ بۇ تېخىچە نامەلۇم. ئەگەر ئامېرىكا ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالماسلىقىنى شەرت قوشسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ مەسلىسىدە قايتىدىن بىر يىرىكچىلىكنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى. بولۇپمۇ تېخى يېقىندىلا تۈركىيە پۇلىنى تۆلەپ بولغان «F35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى «400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مەسلىسىگە باغلاش كېرەك، دېگەن قاراشلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ قالسا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇنداق بىرەر قارار ماقۇللىسا، بۇمۇ يىرىكچىلىكنىڭ باشلىنىشغا يەنە بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر ئېھتىماللىق ئامېرىكىدا «CAATSA» دەپ بىلىنىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگىزىش قارارىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىشلارمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تۈركىيەنىڭ «S400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش جەھەتتە ھازىرغىچە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان باياتلىرىغا قارىماستىن، ئامېرىكا تەرەپتە بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىغا چىققان پىكىرلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشلىرىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىش قارارىدىن كېيىن ئىككىنچى بىر مۇھىم باياناتنى ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە بۇ ئەھۋال بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قارارنىڭ ماقۇللىنىش ۋاقتى ۋە ئېلان قىلىنىش شەكلى ئامېرىكىدا جىددىي داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلدى. دەسلەپتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس ئاندىن دائېشقا قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى مىك گۇرك ۋەزىپلىرىدىن ئىستېپا بەردى. پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ماقۇللانغان بۇ قاراردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ رايوندىن ئايرىلىدىغان چاغدا تۈركىيە بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدىغان ماسلىشىشچانلىقى ئوتتۇرا مەزگىلدە ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ھەمكارلىق ساھەسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.  ترامپنىڭ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن تىۋىتتېر ھېسبلىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدا، ترانسپۇرت يارىدىمى ۋە ماسلىشىشنى تىلغا ئېلىشى، بەلكى سۈرىيەدە مۇقىملىق، ئاندىن سياسىي ھەل قىلىش چارىسى باسقۇچلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنى يارىتىشى مۇمكىن. بىراق بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىش باسقۇچىدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلاشماسلىق بولسا، ئۆزئارا كۈتۈلگەن ئارزۇلار جەھەتتە پىكىر ئوخشىماشلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئېغىر يىرىكچىلىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.   رايوندا ھەربىي جەھەتتىن ئاكتىپ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىتلەرنى شەكىللەندۈرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئالدىنقى سەپلەردە مەۋچۇت بولۇپ تۇرىشى ئېغىر خەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ ي پ گ نىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىق رول ئويناش ئېھتىماللىقى سەزگۈر مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرالىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۇ خەۋپلەرگە نىسبەتەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق ھەمكارلىق، ھەربىي ھەرىكەتلەردە ماسلىشىش ۋە ئىككى پايتەخت ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم، ئۈنۈملۈك بىر ئالاقە قانىلى قۇرۇلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلار بىلەن كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر.  خەير خوش!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر