نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت تىلى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (49)

نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت تىلى (ئاۋازلىق)

نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت تىلى

دۇنيا كۆزنىكى (49)

«نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت تىلى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت تىلى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

مەۋجۇت يەر شارىلىشىش دەۋرى تۇرمۇشىمىزنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر شەكىلدە ئۆزگەرتمەكتە. ئۆتمۈشتە ئۇزۇن يىللارغا پاتمايدىغان ئۆزگىرىشلەر ۋە شەكىللەنىشلەر ھازىر قىسقىغىنە ۋاقىتقا سىغىدىغان بولۇپ قالدى. جەمئىيەتشۇناس داۋىد ھارۋېي بۇ ئەھۋالنى «زامان ۋە ماكاننىڭ قاپسىلىپ قىلىشى» دەپ تەرىپلەيدۇ.

بۇ دەۋردە ۋەقەلەر، مۇناسىۋەتلەر ۋە شەكىللىنىشلەر تولىمۇ تېز بولماقتا.  ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تېز سۈرئەت سەۋەبىدىن گويا بېشى قېيىپ قالماقتا. ئۇزاق جايلار يېقىنلىشىپ، يېقىن جايلار ئۇزاقلىشىپ كەتمەكتە. ئىلگىرى بىلىنمەيدىغان نەرسىلەر بىلىنىدىغان ۋە شۇنچە ئاسان بىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلىنمايدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتا. ئورتېگا گاسسېتنىڭ ئېيتقىنىدەك، «مەدەنىيەتنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىلگىرىلەپ كېتىشى قىيىنچىلىق دېمەكتۇر. تەرەققىياتى قانچە يۈكسەك بولسا، خەۋپىمۇ شۇنچە يۈكسەك بولىدۇ. تۇرمۇش كۈنسىرى بىراز ياخشىلىنىدۇ، بىراز گۈزەللىشىدۇ. بۇنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋىتى بولسا، كۈنسىرى چىگىش، كۈنسىرى قىيىنلىشىشقا باشلايدۇ»

دېمەكچىمەنكى، ئەنئەنىۋى دەۋرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ پەرقلىك كىملىكلەر، كۈلتۈرلەر، ئىدارە - ئورگانلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا توغرا كېلىدىغان شەخىسلەرنىڭ گۇرۇپپا، ئورگان ۋە دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارغا نىسبەتەن قانداق تىل ئىشلىتىشى ۋە قانداق مەۋقە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىىشدۇر. چۈنكى ئەنئەنىۋىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يوقۇلۇشى تۇرمۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىمىك، تولىمۇ چېگىش ھالغا كېلىشى ھەمدە ئىىنتايىن پەرقلىق كىملىكلەر بىلەن ئوخشاش مۇھىتتا بىرلىكتە بولۇشىمىز ئېنىقسىزلىقلارنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇچ كەلگەن يەر شارى خاراكتېرلىق چەتكە قېقىشلار، نەپرەت ۋە يېتىم قالدۇرۇشلارنىڭ بىر سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ ئېنىقسىزلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئىشلىتىلىۋاتقان تىل ياكى تۇتقان مەۋقە ئەسلىدە ئالاھىدە ۋەزىيەتلەردىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئېنىقسىز ۋەزىيەتلەردە باشقىلارغا ئىشلىتىلىدىغان تىل ۋە مەۋقە، خۇسۇسىي، گۇرۇپ خاراكتېرلىك، ئورگان خاراكتېرلىق ياكى دۆلەت خاراكتېرلىق دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. ئالاھىدە ۋەزىيەتلەردە ياكى ئېنىق ۋەزىيەتلەردە ياخشى قارشى ئېلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان پوزىتسىيەلەر ئېنىقسىز ۋەزىيەتلەردە جىددىي ئىككىلىنىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا نامايىش، ئۆكتىچىلىك ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر زادى قانداق تىل ۋە مەۋقە ئىشلىتىشى لازىم؟

شەخسلەر، خەلق ئاممىسى، تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەتراپىمىزدىكىلەر، بىزگە ئوخشايدىغانلار ياكى بىزدىن پەرلىقلەرگە قانداق تىل ئىشتىلىش مەۋقەسىدە بولىشىمىز كېرەك؟  بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بەزىدە بىز قەتئىي خالىمايدىغان پوزىتسىيە ۋە بايانلارنى مەنىگە ئىگە قىلالىشىمىز نۇقتىسىدىن تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكى قۇرلاردا بۇ مەسىلىگە خۇسۇسىي نۇقتىدىن ئىما قىلىپ ئۆتىمەكچىمەن. بىراق ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش جەمئىيەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتسىدىنمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېنىقلىغۇچىلىك رولىغا ئىگە دەپ قارايمەن. 

ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتلەردە قانداق مەۋقەدە بولۇش كېرەك؟

ئۇلارغا نىسبەتەن داۋاملىق نارازىلىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە تىل ئىشلىتەمدۇق؟ داۋاملىق تەنقىد قىلىپ، «ئۆكتىچى ئەپەندى» گە ئايلىنىپ قالسىڭىز بولامدۇ؟ ياكى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قۇرغۇچى ۋە بەرپا قىلغۇچى بىر مۇناسىۋەت تۇرىنى (يەنى ھاكىمىيەت تىلىنى) ئىشلىتەمسىز؟

بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىمنى ئۆزۈم قاتناشقان بىر يىغىن ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سابىق مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان بىر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم.  يىغىن بىر مېھمانخانىدا، خەلققە ئۇچۇق بولمىغان يېپىق بىر مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلدى. بىراق نۇتۇقلار پەۋقۇلئاددە ھارارەتلىك ئىدى. ھەر بىر سۆز قىلغۇچى مۇنبەرگە چىققىنىدا، ۋاللاھى، بىللاھى، تاللاھى دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ئەرەبجە ھېسسىياتلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەيتتى. زالمۇ ئۆزىنى بېسىپ ئولتۇرالمىغانلارنىڭ توۋلىغان شوئارلىرى ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن لەرزىگە كەلمەكتە ئىدى. سۆز قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگىنىدە، ئۇلارغا: «شۇنداق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن ئازابلىنارلىق ۋە تولىمۇ خەۋپلىك ئېغىر مەسىلىلىرى بار. بىراق بۇنداق يېپىق يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدىم.

سىلەرمۇ تەخمىن قىلغانغا ئوخشاش ھىسسىياتلىق نۇتۇقلار سۆزلىنىۋاتقان يىغىندا مېنىڭ تەمكىن بولۇشقا چاقىرغان سۆزلىرىم ئەڭ ئاز ئالقىشقا ئېرىشكەن نۇتۇق بولۇپ قالدى.  لېكىن بۇ يىغىن ماڭا ئۈچ خىل تىل ئۇسلۇبىنى ۋە ئۈچ خىل مەۋقە شەكلىنى ئۆگەتتى. 

1تىل ۋە مەۋقە بولۈپ، كوچا تىلى، نامايىش تىلى ۋە مەۋقەسى ئىدى.

كوچا تىلى؛ پات - پات ئىشلىتىشكە كېرەكلىك، تەسىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر بىر تىلدۇر. بەزىدە يىغىلىشلاردا، نامايىشلاردا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەكلىك ئەڭ ئۈنۈملۈك ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن. 15ئىيۇلدىكىگە ئوخشاش بەزىدە باشقا ھېچ بىر ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان مۇددىئانى كوچا تىلى ئارقىلىقلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولۇشى مۇمكىن. بىراق كوچا تىلى كېرەكلىك نەق جايىدا ئىشلتىلگەندىلا ئاندىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. داۋاملىق كىشىلەرنى كوچىغا چاقىرىپ، كوچا تىلى بىلەن مۇددىئانى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئىجابىي ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە سىستېمىلارنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. كۈلتۈر چوڭقۇرلۇقى ۋە مەدىنىي بايلىق ياراتقىلى بولمايدۇ. مەزكۇر يىغىننىڭ تىلى دەل شۇنداق نامايىش تىلى ئىدى.

2ئۆكتىچىلىك تىلى بولۇپ، سىستېمىنىڭ ئىچىدە قالغان ھالدا بىر نەرسىنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلماستىن، پەقەتلا ھاكىمىيەتنى ۋە ئەتراپىدىكى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىد قىلىدىغان بىر تىل ئۇسلۇبىدۇر. مەيلى دوستلۇق مۇناسۋەتلىرىدە، مەيلى خىزمەتداشلىقتا، داۋاملىق شىكايەت قىلىپ، قاقشاپ يۇرىدىغانلارنى ۋە بىرەر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ ئورنىغا، داۋاملىق تەنقىد قىلىش بىلەنلا بولۇپ يۈرىيدىغان سىياسىي پارتىيەلەرنى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. نۇقۇل ھالدىكى تەنقىد خاراكتېرلىق پوزىتسىيەلەر ئۈنۈمسىز تەنقىد بولۇشتىن ھەتتا ھالاكەتلىك تەنقىدلەرگە ئايلىنىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. ۋەھالەنكى تەنقىد ھەل قىلىش چارىسى بىلەن بىرلىكتە سۇنۇلغاندا ياكى ئىجابىي تەنقىد بولغانداۈ ئاندىن شەخسلەرنى ۋە ئىدارە - ئورگانلارنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرالايدۇ.

3 -  ھاكىمىيەت تىلى بولۇپ، قۇرغۇچى، بەرپا قىلغۇچى بىر تىل ئۇسلۇبىدا مەۋقە تۇتۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ مەۋقە ئۇسۇلى يالغۇز سىياسىي ھاكىمىيەتتىكىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شەخسلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم. بەزى ئىنسانلار قىممەت قاراشلىرى ياكى تەنقىد تىلىدىن ھالقىغان ھالدا ھاكمىيەت تىلى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرىدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆز يولىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقىدا بولىدۇ. ياشلىق دەۋرىدە بەلكى تەنقىدچى ۋە ئۆكتىچى تىل ئىشلىتىشى تەبىئىي كۆرۈنىشى مۇمكىن. چۈنكى ياشلىق بىراز زاغرا تىلدا ئېيتقاندا «نوچىلىق دەۋرى» ھېسابلىنىدۇ. بىراق ياش چوڭايغانسىرى ياكى سالاھىيىتى يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى تېخىمۇ بەك ھاكىمىيەت تىلى ۋە مەۋقەسى تەلەپ قىلىنىدۇ. «تاج كېيگەن باش ئېغىرلىشىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش بىر ئاز ئويلىنىشقا، «يېشىڭىز بىر يەرلەرگە بېرىپ قاپتۇ. بەلگىلىك ئورۇنلارغا ئىگە بولۇپسىز. ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھازىرمۇ نامايىش قىلىۋاتقاندەك ئۇسلۇبتا ئىش قىلىپ يۇرىۋاتىسىز ياكى نەتىجىگە پايدىسى بولمايدىغان يۈزەكى مۇخالىپەتچى بولۇشتەك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىسىز. مۇئەييەن بىر ياشقا ۋە ئورۇنغا كەلگەن ئىنسانلار تېخىمۇ تەمكىن بولىشى، مەسىلىلەرگە ئېسىللىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتىشى كېرەك. باشقىلارغا نىسبەتەن ئىجابىي تىل ئىشلىتىدىغان كىشىلەر شەخسلەرگە، تەشكىلاتلارغا ۋە دۆلەتلىرىگە ھەر دائىم ھەسسە قوشالايدۇ. ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭىزگە توتقان مەۋقەيىڭىز ۋە ئىشتىلىۋاتقان تىل ئۇسلۇبىڭىز بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەندەك تەۋسىيەلەرگە قۇلاق سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

بۇ ئۈچ خىل تىل ئۇسلۇبىنىڭ سىرتىدا مۇئەييەن بىرەر مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئۇدۇلىدىكى كىشىنى تەستىقلايدىغان يالاقچىلىق تىلىمۇ بار. لىكىن بۇ ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان بولغاچقا ئۇنى تىل ئۇسلۇبى قاتارىدا كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ.

نامايىش ۋە ئۆكتىچلىك تىلىغا سېلىشتۇرغاندا ھاكىمىيەت تىلى بالاغەتلىك بولۇشنى ۋە تەجرىبىلىك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھاكىمىيەت تىلىنى ئىشلىتىش مۇئەييەن مۇددەت تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ھاكىمىيەت تىلى مۇئەييەن خاتالىقلاردىن ئۆگىنىلگەن دەرسلەر ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. 

ئۇنداقتا قېنى سىز كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا زادى قانداق تىل ئشىلىتىپ، قانداق مەۋقە تۇتىۋاتىسىز؟ قېنى بىر ئويلىنىپ بېقىڭ!

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر