دۆلەتلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى ۋە تۈركىيە

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۆلەتلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1098270
دۆلەتلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۆلەتلەرنىڭ كىرىم تەقسىماتى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا بانكىسىنىڭ دۆلەتلەرنى كىرىم تەقسىماتىغا ئاساسەن مۇئەييەن كاتېگورىيەلەرگە ئايرىشى نەتىجىسىدە، تۆۋەن كىرىملىك، ئوتتۇرھال كىرىملىك، ئوتتۇرىدىن يۇقىرى كىرىملىك ۋە يۇقىرى كىرىملىكتىن ئىبارەت تۆت كاتېگورىيە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خىل كاتېگورىيلەرگە ئايرىشلار دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىملىرى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن كىرىم گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولماقتا. دۆلەتلەر ئۇزۇن يىللار بويىچە ئۆزلىرى تەۋە كىرىم گۇرۇپپىلىرىدا تۇرۇپ قالغىنىدەك، باشقا كىرىم گۇرۇپپىلىرىغىمۇ ئۆتەلەيدۇ.  بۇ ئۆتۈش بەزىدە دۆلەتلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىملىرىنى ئاشۇرۇشى بىلەن كىرىم گۇرۇپپىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ئېلىپ بارسا، بەزىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن كىرىم گۇرۇپپىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە دۆلەتلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ نىشانى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇپ كىرىم گۇرۇپپىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولغاچقا، ئىقتىسادلىرىدا مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. تۈركىيەمۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرىدىن يۇقىرى كىرىم گۇرۇپپىسىدىن كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا كىرىش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك قەدەملەرنى باستى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى نۇقتىدىن بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىشى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتلەر ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىنىپلارغا ئايرىشتا، ھەر بىر دۆلەت گۇرۇپپىسىغا نىسبەتەن بەلگىلەنگەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم سىزىقى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 950 دوللاردىن تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ «كىرىمى تۆۋەن دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى»گە؛ كىرىمى 996 دوللار بىلەن 3895 دوللار ئارىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ «كىرىمى ئوتتۇرىدىن تۆۋەن دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى»گە؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3896 دوللار بىلەن 12055 دوللار ئارىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ «كىرىمى ئوتتۇرىدىن يۇقىرى دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى»گە؛ كىرىمى 12055 دوللاردىن يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بولسا، «كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى»گە كىرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئەسلىدە بۇ يەردىكى كاتېگورىيەلەر ئىچىدىكى ئادەمنىڭ دىققىتىنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدىغىنى، 995 دوللار بىلەن 12055 دوللاردەك ناھايىتى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «كىرىمى ئوتتۇرھال دۆلەتلەر» كاتېگورىيەسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىرىمى ئوتتۇرھال دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى ئۆز ئىچىدە «كىرىمى ئوتتۇرىدىن تۆۋەن» ۋە «كىرىمى ئوتتۇرىدىن يۇقىرى دۆلەتلەر» كاتېگورىيەسى دەپ ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلغان.

«كىرىمى ئوتتۇرھال دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى» نىڭ بۇنداق كەڭ ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللار بويىچە بۇ گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىقىنى ۋە «كىرىمى ئوتتۇرھال » بولۇش تۇزىقى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا. دۆلەتلەر مۇئەييەن بىر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇ باسقۇچقا سىقىشىپ قالماقتا. بۇ ئەھۋال ئەسلىدە ئىقتىسادتىكى تۇرغۇنلۇقنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كەلمەكتە.

ئوتتۇرھال كىرىم قىلتىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىقتىسادتا بۇرۇلۇش ياساش يەنى، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بار. دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ قاپسىلىپ قېلىش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ يولى، يېڭى بىر سىستېما ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى بىر ئىقتىساد ھېكايىسى يېزىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى، ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان ئىقتىسادقا ئالاقىدار ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلەر سايىسىدا يېتىدىغان ئەڭ يۈكسەك پەللە ئېنىقكى، ھازىرقى ھالەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن كېيىنكى باسقۇچقا سەكرەش ئۈچۈن 12055 دوللاردىن ئارتۇق كىشى بېشى كىرىمگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەر، ھازىرغىچە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىقتىساد سىياسەتلىرى بىلەن بىرگە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي ھالقىشنى ئۆز دۆلەتلىرىدىمۇ ئىشلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىگە توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيە ئىقتىسادى 10930 دوللارلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمى بىلەن كىرىمى ئوتتۇرھالدىن يۇقىرى دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدىكى بىر دۆلەتتۇر. يەنى، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى نۇقتىدىن كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىگە ئۆتۈشى ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج، بۇ ھالقىشنىڭ ئەڭ ساغلام شەكىلدە ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتلارنىڭ بالدۇرراق ئېلىپ بېرىلىشىدۇر.

دەرۋەقە، سېنتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنىپ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىللىق يول خەرىتىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن يېڭى ئىقتىساد پىلانى ئارقىلىق مەزكۇر ئىسلاھاتلارنىڭ ئاساسىي سىزىقلىرى سىزىلغان بولدى. مەيلى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش بولسۇن، مەيلى قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېشىش بولسۇن، مەيلى سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش نىشانى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىلان بولسۇن، تۈركىيە ئىقتىسادىنى كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر سېپىگە قوشۇشتا قوزغاتقۇچ رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر