يەرلىك شەرقشۇناسلار – 2 (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (48)

يەرلىك شەرقشۇناسلار – 2 (ئاۋازلىق)

يەرلىك شەرقشۇناسلار – 2

دۇنيا كۆزنىكى (48)

«يەرلىك شەرقشۇناسلار – 2»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يەرلىك شەرقشۇناسلار - 2» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئېسڭلاردا بولسا كېرەك، ئالدىنقى ھەپتە ئىسلام دۈشمىنى شەرقشۇناسلىقنىڭ قانداق شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكى، ئىلگىرى تەتقىقاتچىلىرى رايونلىرىمىزغا بىۋاستە كېلىپ تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئەمدىلىكتە غەربلىك بولمىغان زىيالىيلارنىڭ ئۆزلىرى ئاكتىپلىق بىلەن غەرب دۆلەتلىرىگە يۈگۈرۈپ، ئۇلارغا تەتقىقات خىزمەتلىرىنى بىۋاستە سۇنۇشقا يۈزلەنگەنلىكى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. ئۆز دۆلىتى تەرىپىدىن «غەربنىڭ تەجرىبىلىرىنى دۆلىتىگە ئېلىپ كەلسۇن» دېگەن ئۈمىد بىلەن غەربكە يوللانغان زىيالىيلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئۆز دۆلتىىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئىشلەتكەن ھالدا غەرب شورقشۇناسلىرىغا يۆتكەپ بېرىۋاتقانلىقى، «دۆلىتى ئۈچۈن غەرب دۆلىتى مۇتەخەسسىسى بولۇپ كەلسۇن» دەپ يوللانغانلارنىڭ دەل ئەكسىچە غەرب ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق.

خەلققە ياتلاشقان، مانقۇرتلاشتۇرۇلمىش زىيالىيلار

ئۆز دۆلىتىگە پايدىسى بولمايدىغان تەتقىقات خىزمەتلىرىنى قىلىپ قايتىپ كېلىش ھېچ شۈبھىسىزكى، 200 يىلدىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلگەنلەر ئۈچۈن كەتكەن چىقىملار، شۇنچە قېيىنچىلارغا قارىماستىن ئاجرىتىلغان مەبلەغلەر بېكار كەتكەن بولىدۇ. بىر ئۈمىت ۋە بىر چارە سۈپىتىدە چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ بۇ ئۈمىد ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىقى، دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پالتا ئۇرۇپ، چارە ئىزدىنىشىگە دائىر ئۈمىتلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن قىلغان تەتقىقاتلىرى بىلەن دۆلىتىگە قايتقىنىدا، دۆلەتنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك كىشىلىرى گويا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن مانقۇرتلاشتۇرۇلغان ئەھۋال كېلىپ چىققان بولىدۇ.

تۈركىيە نۇقتىسىدىن، 200 يىلدىن بۇيان زىيالىيلارنىڭ ياتلىشىشىغا تۇرتكە بولۇۋاتقان نۇقتىلىق سەۋەبلەردىن بىرسىنىڭ مۇشۇ ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئېيتالامدۇق؟ بولۇپمۇ تۈركىيەدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن بىرسىگە بارالىغانلىق چوڭ بىر ئۆزگىچىلىكتۇر. بۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغانلاردىن قايتقىنىدا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىچىلىك كۈتىلىدۇ.  شۇڭا ئۆز خەلقىگە ياتلاشقان ھالدا دۆلىتىگە قايتقانلار پەيدا قىلغان سەلىبىي تەسىر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتمەكتە. تەخمىنەن 100 يىل ئىلگىرىكى ئوسمانلى باش ۋەزىرى سەئىد ھەلىم پاشانىڭ سۆزلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ ئەھۋالنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز.

باش ۋەزىر سەئىد ھەلىم پاشا ئۆزى ياشىغان دەۋردە غەربنى بىلمەيدىغان ۋە ئۆز خەلقىنى بىلمەيدىغان ئىككى خىل زىيالىيلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قايسىنىڭ بەكرەك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. سەئىد ھەلىم پاشانىڭ قارىشىچە ھەر ئىككىسى زىيانلىق بولۇپ، بولۇپمۇ غەربنى بىلىپ، ئۆز خەلقىنى بىلمىگەن زىيالىي تېخىمۇ بەك زىيانلىق ئىدى.

ئەينى چاغدا ئۇزۇن مەزگىل چەت ئەللەردە قالغانلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز خەلقىگە ياتلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن يىرگىنىش ۋە مۇتەكەببىرلىك بىلەن خەلققە ئۈستىدىن قاراش خاراكتېرى بىلەن قايتىپ كەلمەكتە ئىدى. ۋەھالەنكى چەت ئەللەردىن قايتقانلارنىڭ ۋەزىپىسى خەلققە ئۈستىدىن قاراش ئەمەس ياكى قانداقتۇر خەلقنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بىلىدىغان يېتەرسىزلىكلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەنقىد قىلىپ، كەمسىتىش ۋە تەكرارلاپ يۈرۈش ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتقىنىدا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە قايسى تەجرىبىلەرنى ئېلىپ قايتقانلىقىغا باغلىق بولىشى كېرەك ئىدى. مەزكۇر دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان ئەدبىيات، نەزىرىيەلەرنى قايىللىق بىلەن ئۆز دۆلىتىگە شۇ پىتى يۆتكەش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تەنقىدىي نۇقتىي نەزەر بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەجرىبىسى ۋە پىكىر بايلىقلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش ئىدى.

ئۆز - ئۆزىنى شەرقشۇناسلاشتۇرۇش

دۆلەت ئورگانلىرى نامىدىن چەت ئەللەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇلانغانلار بىلەن ئاكادېمىك ئورگانلار نامىدىن چەت ئەللەردە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆز خەلقىگە ياتلاشقان چاغدا، (ئاكادېمىكلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىدىن) تېخىمۇ زىيانلىق ھالغا كېلىپ قالىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدە ئىجتىمائىي پەندە ئۆگىتىلگەن بىلىملەر، نەزرىيە، ئۇسۇل، سانلىق جەدۋەللەر شۈبھىسىزكى ئۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەلۇماتلار مۇئەييەن دەرىجىدە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئاكادېمىكلار، سىياسەت، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ئىجىمائىي پەنلەرنى پۈتۈنلەي غەربتىكىگە ئوخشاش شەكىلدە ئۆگىتىشكە باشلىغانلىرىدا، ئۆز دۆلىتىگە تارىخسىزلىقنى ۋە يىلتىرسىزلىقنى يۆتكىگەن بولىدۇ. چۈنكى غەرب ئەدەبىيات مائارىپىدا غەرب سىرتىكى خەلقلەرگە دائىر پىكىر ۋە پەزىتسىيەلەرگە ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇن بېرىلمەيدۇ. بۇنىڭغا غەرب سىرتىدىكى خەلقلەرنىڭ ئاكادېكىملىرى ئورۇن بېرىشى، ئۆز تەجرىبىسى بىلەن غەربتىن ئالغان ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈشى ئارزۇ قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلالمىغاندا بولسا، بىر دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە تەجرىبىلىرى غەربىكلەر تەرىپدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىققان ئاكادېكىكلەر تەرىپىدىن كۆرمەسكە سېلىنىپ، يوقۇلۇشقا مەھكۇم قىلىنغان بولىدۇ.

مەسىلىنىڭ مەنبەلىرى

دەرۋەقە بارغان دۆلەتلەردە ئۆز دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغان تەتقىقاتچىلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. بۇلارنى ھېسابقا ئالمىغان ھالدا قارىغىنىمىزدا ئاندىن مەسلىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگىلى بولىدۇ.  

1ئەۋەتىلگەن دۆلەتلەرنىڭ تېمىغا دائىر يېتەكلەش ۋە چەكلەش خاراكتىرلىق تۈزۈم قويۇشى.

مەيلى دۆلەت ئورگانلىرى، مەيلى ئۇنىۋېرسىتېتلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلگەنلەر ئۈچۈن ئورگانلار ئاساسەن دېگۈدەك بىرەر چەك چېگرا بەلگىلىمەي كەلمەكتە ۋە بەزى ئەھۋاللاردا قايسى دۆلەتكە بېرىش مەسلىسىنىمۇ بارغۇچى نامزاتلارنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويماقتا.

2 - چەت ئەللەرگە بارغانلارنىڭ ئاسانغا مايىل بولۇشى

چەت ئەللەرگە بارغانلارنىڭ شۇ دۆلەتتە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە شۇ دۆلەتكە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشى ئاساسەن دېگۈدەك شۇ دۆلەت تىلىنى پىششىپ بىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىكلەر تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلىق كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دۆلەتكە ئالاقىدار تېمىلارنى تەتقىق قىلغانلىرىدا كۆپرەك قىينىلىدىغان ئىش بولىدۇ. ئاسانغا مايىللىق ياكى خاتا يېتەكلەش شەۋەبىدىن ئۆز دۆلىتىگە نىسبەتەن ئانچە كۆپ قىممىتى بولمىغان نۇرغۇنلىغان دوكتورلۇق دىسىرتاتسىيەلىرىگە شاھىت بولدۇم. ئاۋستىرالىيەدە بىر ئوقۇغۇچى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىنى، گېرمانىيەدە يەنە بىرسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى دوكتورلۇق دىسىرتاتسىيە تېمىسى قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيەگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەن ئۇلارغا «تۈركىيەدە چەتئەللەردە دوكتورلۇقلىرىنى تاماملىغانلارغا كۆپ ئېھتىياج بار. بىراق دوكتورلۇق دىسىرتاتسىيەلىرىڭلارغا ئاساس قىلغان بۇ تېمىلاردا تۈركىيەدىكى كوچىلاردا يۈرىيدىغان ئادەتتتىكى كىشىلەرمۇ ھازىر مۇتەخەسسىس بولۇپ كەتتى» دېدىم ھەمدە بۇ تېمىلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ تۈركىيەگە ھېچقانداق ھەسسە قوشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ياۋروپادا بۇ خىل تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كەلگۈسىنى ياۋروپادىن ئىزدەشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم.

2017يىلى ئامېرىكىدىمۇ يەنە شۇلارغا ئوخشاش ئىككى دوكتورا ئوقۇغۇچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. «تۈركىيەدىكى ئىسلامچى ھەرىكەتلەر»، «سوپىزىمنىڭ كورد ھەرىكىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىلاردا دىسىرتاتسىيە تەييارلىغان ئىكەن. ئۇلارنى گەرچە قايىل قىلمىساممۇ «تۈركىيەگە قايتقىنىڭلاردا بۇ تېمىلار بىلەن دۆلىتىڭلارغا زادى قانداق ھەسسە قوشماقچى؟ ئەگەر ئامېرىكىدىكى دىن دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياكى ئىنجىلىزم ئېقىمىنى تەتقىقات تېمىسى قىلغان بولساڭلار، قايتقىنىڭلاردا دەل تۈركىيە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق كشىىلەرگە ئايلىناتتىڭلار» دېدىم.

3چەت ئەللەردىكى ئېمپىرايالىزم غايىلىرىگە ئىگە ئاكادېمىكلارنىڭ يېتەكلىشى

بەزى ئەھۋاللاردا بۇ خىل يېتەكلەشلەرمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ تەۋسىيە خاراكتېرلىق يېتەكلەش ئەگەر شۇ دۆلەتكە بارغۇچىلار چىڭ تۇرىدىغان، بۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىشنى خالىمايدىغان بولسىلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.

مەنمۇ دوكتورلۇققا ئېرىشىش جەريانىدا ئەنگلىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا سۆھبەتكە ئىمتېھانىغا چاقىرىلغىنىمدا، ئەنگلىيەنى مەزمۇن قىلغان بىرەر تېما ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «ھەيران قالارلىق بىر ئىش، بىز تۇنجى قېتىم تاسادىيلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر تەكلىپكە ئۇچراۋاتىمىز» دېيىشكىنىچە رەت قىلغان ئىدى.

شۈبھىسىزكى، بەزى ئەھۋاللاردا تۈركىيەنى تەتقىق قىلىش زورۇر بولۇپمۇ قالىدۇ. ھەتتا تەشۋىق قىلىنىشىمۇ لازىم. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوسمانلى تارىخى ۋە يادىكىلارلىقىلىرى توغرا بىر شەكىلدە دۆلتىمىزنىڭ ئاكادېمىكلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇاۇشى ئىنتتايىن مۇھىم. 

شۇنىڭدەك تۈركىيەنى تەتقىق قىلماسلىقنىڭ ۋە قىلغان تەقدىردىمۇ يوللىغان ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىگە باغلىق بولۇپ بولۇشى، 200 يىلدىن بۇيان بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مۇئەييەن مىقداردا ھەل قىلىش چارىسى بولالايدۇ.

ھەر قايسى ئورگانلاردىن چەت ئەللەرگە ئەۋەتىلگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەنى تەتقىق قىلماسلىق قائىدىسى بېكىتىلسە، مەسىلىنىڭ ھەر قىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا يوللىغان تەتقىقاتچىلارنى خۇددى ئوستاز سازائىي كاراكۆچ «مەسەل شەھىرى» ناملىق ئەسىرىدە تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، غەرب ئۈچۈن قىلىنغان تەتقىقات خىزمەتلىرى ئىچىدە يۇقۇتۇپ قويىمىز.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر