تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ دېڭىز قۇرۇلۇش قىسمىنىڭ تاماملىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىشتىراك قىلدى. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا سۆز قىلغان ھەر ئىككىلى رەھبەر، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. تۈرك ئېقىمى لايىھەسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەركىزى بولۇش پىلانى جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. دەرۋەقە، ئەزەربەيجان تەبىئى گازىنى دەسلەپ تۈركىيەگە كېيىنچە ياۋروپاغا يۆتكەش مەقسىتىدە لايىھلەنگەن تاناپ لايىھەسى، ئىراق نېفىتىنى دۇنياغا توشۇپ كېلىۋاتقان جەيھان تۇرۇببا لىنىيەسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

2014-يىلى دېكابىردا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرك ئېقىمى لايىھەسى، رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدىن باشلىنىپ قارادېڭىزدىن ئۆتۈش ئارقىلىق ئىستانبۇلنىڭ غەربىدىكى كىيىككۆيگىچە يېتىپ بارىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن نامى بېرىلگەن تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1100كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈرك ئېقىمى لايىھەسى بىر-بىرىگە پاراللېل بولغان ئىككى ئايرىم لىنىيەدىن تەشكىل تاپىدۇ، بىرىنچى لىنىيە ئارقىلىق يىلدا  15مىليارد 75 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدۇ، بۇ مىقدار بىلەن تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجى بىمالال قامدىلىدۇ، ئىككىنچى لىنىيە ئارقىلىق يىلدا 31 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدۇ، بۇ مىقدار بىلەن ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قامداش پىلانلانماقتا.

كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ 5 ياۋروپا دۆلىتىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەسىلەن، سىربىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئانتىچ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى سىربىيەگە تۇتاشقان ئەھۋالدا، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئانتىچ: «10-15 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز تۈركىيە ئارقىلىق بۇلغارىيە، سىربىيە، ۋېنگىرىيە ۋە ئاۋسترىيەگە توشۇلغان تەقدىردە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ، بۇ لايىھە بىزگە نسىبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر، مەزكۇر لايىھە گاز سودىسى ۋە تەبىئىي گازنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادنىمۇ كۈچەيتىشتە مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينايدۇ. ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىدىن ئورۇن ئالسا، ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ»دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ تۈركىيەدىن كېيىن قايسى بېكەت ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقى نامەلۇم. شۇڭا گىرېتسىيە بىلەن بۇلغارىيە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن رىقابەتكە كىردى، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بۇ لايىھەنىڭ گىرېتسىيە ئارقىلىق ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ لايىھەنىڭ گىرېتسىيەدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن بىريۇسسېلدا ئاكتىپ ھالدا خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى تۈركىيەنىڭ غول ئېنېرگىيە بازىلىرىدىن بىرى بولۇشىدا مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە، رۇسىيەنىڭ بىۋاستە ھالدا بالقان دۆلەتلىرىگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانچە كۈچەيمەكتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىىپ ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىمۇ پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ئۇچرىشىشىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن بەزى ساھەدە يەنىلا مەسىلىلەر ساقلانماقتا. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىشى، ئۇكرائىنادا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش، رۇسىيەنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتى قاتارلىقلار جىددىي ھەل بولۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ھەر ئىككى دۆلەت سوچى كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسىتى سەۋەبلىك ھېلىھەم مەسىلىلەر مەۋجۇت.


خەتكۈچ: تۈرك ئېقىمى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر