يەرلىك شەرقشۇناسلار (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (47)

يەرلىك شەرقشۇناسلار (ئاۋازلىق)

يەرلىك شەرقشۇناسلار

دۇنيا كۆزنىكى (47)

«يەرلىك شەرقشۇناسلار»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يەرلىك شەرقشۇناسلار» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

شەرق خەلقلىرىنىڭ بىر جەھەتتىن ئېمپىرىيالىزم بىلەن چېتىشلىق، يەنە بىر جەھەتتىن سىرتتىن ئېمپورت قىلىنغاندەك كۆرۈنىدىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، دىنىي، ئىتنىك، ئىنسانشۇناسلىق قاراشلىرى ئۈستىدە غەرب تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوريانتالىزم (يەنى شەرقشۇناسلىق) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تېرمىن شەرق خەلقلىرىگە سىرتتىن ۋە ئۈستىدىن قارايدىغان، ئۇلارنى پائال بىر ئاساسلىق ئامىل سۈپىتىدە ئەمەس، ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان ئەشيا سۈپىتىدە كۆرىدىغان خاراكتېرى نۇقتىسىدىن سەلىبىي بىر مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى بۈگۈنكى دۇنيادا مەنىسىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق. ئەمما ئاساسەن دېگۈدەك شەكىل ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش شەرققە بىۋاستە بېرىپ تەتقىقات قىلىشقا ئېھتىياجى يوق. چۈنكى شەرق دۆلەتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ياكى كېرەكلىك مەلۇماتلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئۆزلىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ سۇنۇشنى ياختۇرىدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالغىلى ئۇزۇن بولدى.

 

200 يىللىق ئازابلىق ھېكايىمىز

 

غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە بەرداشلىق بېرەلمىگەن تۈركىيە ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر تەخمىنەن 200 يىلدىن بۇيان تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس، ئوقۇغۇچى، ئاكادېمىكلار ۋە مەمۇرلارنى غەربكە يوللىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئافرىقا، بالقانلار، ئوتتۇرا شەرق، يىراق شەرق، لاتىن ئامېرىكا قاتارلىق رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەمدە خىتاي ۋە ھىندىستانمۇ شۇنداق قىلماقتا. بۇ دۆلەتلەر ھەتتا پەقەت ئۇنىۋېرسىتېتلاردىنلا ئەمەس، بارلىق مىنىستىرلىقىلىرىدىن ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىنمۇ خادىملارنى مائارىپ، كۈلتۈر، ئىلىم پەن، مەلۇمات ۋە ئېكىسكۇرسىيە مەقسىتىدە غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتمەكتە. بۇ دۆلەتلەر چەكلىك ئىمكانلىرىغا قارىماي، نۇرغۇنلىغان مەجبۇرىي، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، «غەربنىڭ تەجرىبىسىنى، ئىلىم پەن، تېخنىكىسىنى كۆرسۈن، كېرەكلىك بولغانلىرىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ كەلسۇن» دېگەن ئارزۇ بىلەن توختىماي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

 

ئەجىبا مەقسەتلىرىگە يېتەلەۋاتامدۇ؟

 

200 يىلدىن بۇيان غەربكە تەربىيەلەش ئۈچۈن ئادەم يوللاش داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنداق بولمىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىزنىڭ بىر ئۇستازىمىز: «ياپونىيەلىكلەر ئۇنىۋېرسىتېت دەۋرىدە غەربنىڭ تېخنىكىسىنى ئېلىپ دۆلەتلىرىگە قايتتى. بىراق بىزنىڭ يوللىغانلىرىمىز شائىر بولۇپ قايتىشتى» دەيتتى. دېمىسىمۇ غەربكە بېرىش ۋە غەربتە يۇقۇلۇپ كېتىشنىڭ 200 يىللىق ھېكايىسىنى ئۇستاز سازائىي كاراكۆچ يەتتە پەرزەنتلىك بىر دادا ئارقىلىق «مەسەل» ناملىق شىئېرىدا تولىمۇ ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىدى. 

 

غەربكە بېرىپ ئۆز دۆلىتىنى بۇلاش

 

نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر «غەربتىكى ئىلىم، پەن، تەجرىبىلەرنى، ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەپ دۆلىتىگە قايتسۇن ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشسۇن» دېگەن ئۈمىد بىلەن غەربكە ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت خادىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز دۆلەتلىرىگە كۈتۈلگىنىدەك بىر شەكىلدە قايتمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق بىر ھەقىقەت بار. ئەۋەتىلگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۈستىدە شۇنداقلا يوللىغان ئىنسانلارنىڭ خىزمەت شارائىتلىرى ئۈستىدە قىسقىغىنە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇ ئەمەلىيەت ئېنىقلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن غەرب دۆلەتلىرىگە بارغان ئوقۇغچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت خادىملىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەندە ئۆزلىرى بارغان دۆلەتلەرگە دائىر مەسىلىلەرنى ئەمەس، ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشىدۇ. مەن قانداقلا چاغدا ئاكادېمىك خىزمەت ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىگە بارغانلار ياكى چەت ئەللەردىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلەر بىلەن كۆرۈشسەم بۇ ئازابلىق ئەھۋالنى ئۇچراتماي قالمايمەن.

 

ئۆز دۆلىتىگە نىسبەتەن، غەرب مۇتەخەسسىسى ئەمەس، غەربكە نىسبەتەن تۈركىيە مۇتەخەسسىسى بولۇش

 

غەرب سىرتىكى دۆلەتلەردىن تەلىم تەربىيە ئۈچۈن غەربكە بارغانلار ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىللەرنى تەتقىق قىلىشى، ئەسلىدىكى نىشاندىن تېخىمۇ باشقىچە، بەزىدە دەل ئەكسىچە نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ، ئۆز تەجرىبلىرىنى غەربكە يەتكۈزگەن بولىدۇ. بارغانلارمۇ غەربكە دائىر تېمىلارنى تەتقىق قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئۆز دۆلەتلىرىگە دائىر تېمىلارنى تەتقىق قىلىپ قايتقانلىرىدا، ئېھتىياجلىق بوشلۇقلارنى تولدۇرالىغان بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۆز دۆلەتلىرىگە دائىر تېمىلارنى تەتقىق قىلىشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆز دۆلەتلىرىگە دائىر غەرب ئېھتىياجلىق تېمىلاردا مۇتەخەسىسىس بولۇپ قايتقان بولىدۇ.

تۈركىيەدىن مىسال ئالىدىغان بولساق؛ 200 يىلدىن بۇيان ئادەم ئەۋەتىۋاتقان بولساقمۇ تۈركىيەدە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيەگە ئوخشاش ئەڭ كۆپ ئادەم يوللىغان دۆلەتلەرگە دائىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك. بۇنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي يارىدىمى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇپ تۈركىيە مۇتەخەسسىسى بولغان كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. غەرب دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار بىرەر ساھەدە مۇتەخەسسىس بولۇش شۇنچە قېيىن بىراق تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ غەرب رادىيولىرى، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ژۇرناللىرىدا كۆپلەپ سەھنىگە چىقىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز.

غەرب دۇنياسى سىرتىكى خەلقلەردىن غەرب دۆلەتلىرىگە بارغانلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئېتنىك مەسىلىلەر، ئازسانلىقلار مەسلىسى، ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە دىنىي ھەرىكەتلەر قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات خىزمەتلىرى ئېلىپ بارغىنىدا، غەربلىكلەرنىڭ يولى قىسقارغان بولىدۇ. غەربلىكلەرنىڭ يېڭى شەرقشۇناشلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا ئېھتىياج قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى غەربلىك بىر تەتقىقاتچىنىڭ تىل ئۆگىنىپ، خەلقلەر ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى چۈشۈنىپ يېتىشى ۋە غەرب سىرتىدىكى خەلق ئارىسىدا بىرەر مەسىلىنى ئانالىز قىلالىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە تېخىمۇ كۆپ چېقىم تەلەپ قىلىدۇ. بىراق غەربنىڭ نۇقتىنەزىرىگە ئىگە بولغان ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرى بىلەن غەربكە كەلگەن ھەمدە غەرب نەزىرىيە ئۇسۇللىرى پەنجىرىىسدىن ئۆز دۆلىتىگە نەزەر سالىدىغان بىر مۇتەخەسسىس ئارقىلىق بىرەر تېمىنى تەتقىق قىلىش چېقىم جەھەتتىن تېخىمۇ پايدىلىق بولغان بولىدۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرى بىلەن غەربكە بارغان كىشىلەرنى غەربنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ساھەلەردە غەرب ئۈچۈن بىرەر مۇتەخەسسىسكە ئايلاندۇرىۋىلىشى تولىمۇ ئىنچىگە ئاقىلانە بىر ھەرىكەتتۇر. بىر قاراشتىلا بىلىپ يەتكىلى بولىدىغان ئادەتتىكى خىزمەت ئەمەس، بەلكى تولىمۇ مەككارلارچە سەنئەتتۇر، ئەلۋەتتە.

ئۇنداقتا مەسىلە پەقەت ئۇلار بارغان دۆلەتتىمۇ؟

غەرب ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئىزدەشتەك ئازغۇن زىيالىقلىق ۋە ئۆز - ئۆزىنى شەرقشۇناسلاشتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىلەر ھەققىدە كېلەر ھەپتىلىك پىروگارممىمىزدا ئايرىم توختىلىمىز. بىراق مەسلىنىڭ پەقەتلا بارغان دۆلەتلەردە ئەمەسلىكىنى، بەلكى تولىمۇ ئاز بىر قىسمىنىڭلا شۇ دۆلەتلەردە ئىكەنلىكىنى ھازىرچە تەكىتلىگەچ تۇرايلى!    

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر